2012.03.23

خىتاي سەھىيە مىنىستىرى: ئۇيغۇر ئېلىدە يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا

2011‏-يىلى 8-ئايدا خوتەندە «يۇلغۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى» بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى ئېلىپ بارغان.

رايوندىكى سەھىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدىن بۇيان مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى چىن جۇ يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۇلۇن ياللۇغىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ئولىۋېر روسېنبېيرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 5 ئايدىن بۇيان بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ بايقالمىغانلىقى كىشىنى ئىلھاملاندۇرسىمۇ، بىراق بۇ «ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى توختىدى» دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ خوتەن قاراقاش ناھىيىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە

دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە باشلانغان شەھەر كېڭەيتىش پىلانى قاراقاشلىق دېھقانلارنىڭ ھايات يولىنى ئېغىر دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچراتقان.

ئاقساراي يېزىسىنىڭ باشلىقى قاراقاش ناھىيىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى ئۈچۈن، ناھىيىگە قوشنا يېزىلاردىن يەرلەرنى ھالقىسىمان سۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، دېھقانلاردىكى نارازىلىقىنى ئىنكار قىلدى.

مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇر دېھقانلارنى يەرلىرىدىن، ئەڭ مۇھىمى بىردىن-بىر جان بېقىش مەنبەسى بولغان ياڭاقلىرىدىن ئايرىغاندىن باشقا، كەنت بىلەن كەنت ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا زىددىيەت پەيدا قىلغان.

قاراقاشتىكى شەھەر كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئەسلى خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي شەھەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلار يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» ئۈچۈن تەييارلانماقتا  ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق رايونلاردىكى دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

كومىتېتنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2012‏-يىللىق دوكلاتىدا خىتاي يەنە بىر قېتىم دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

دوكلاتنىڭ 20 بەتلىك قىسمىدا مەخسۇس خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ۋەزىيىتى بايان قىلىنىپ، «بۇ بىر يىلدا تىبەت بۇددىستلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە يامانلاشقان» لىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ سەلبىي نەتىجە بېرىش ئېھتىمالى كۆرسىتىلگەن.

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى» ئويۇن قويۇۋاتقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقاردى

20-مارت «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى» غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويۇن قويۇۋاتقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئويۇننى كۆرۈشكە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى خادىملىرى ۋە ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئۆمىكىمۇ خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۇنجى قېتىم تۈركىيىگە كېلىپ نورۇزلۇق پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدى.

كورلىدا يولغا قويۇلغان دىنغا ئىشەنمەسلىك ھەققىدىكى ۋەدىنامە ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

يېقىندا كورلا مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە پېنسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپچىلارغا دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدىنامە يازدۇرغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەدىنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار كېلىشىمغا ئاساسەن يەنە باشقىلارنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق دىنىي ھەرىكىتىنى دائىرىلەرگە خەۋەر قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىنى بازا قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي گۇرۇھ-«جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتى» :خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزدى

نورۇز بايرىمى كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن، قىش ئاخىرلىشىپ، باھار باشلانغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بارلىق تۈركىي ۋە فارىس تىللىق مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلىدى.

خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان  قاتارلىق دۆلەتلەردە 21-مارت ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئۇيغۇرلار خاتىرىلەش پائالىيىتىنى 24-مارت ئۆتكۈزىدۇ. پائالىيەتكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەرزدارلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۇلارنى بېيجىڭغا بارغۇزماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ  دائىرىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ئىلگىرى بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان ئەرزدارلارنى نەزەر بەند قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويغان.

ئاقسۇدىكى ئەرزدارلاردىن نۇرۇنگۈل، ئەمەت قاسىم قاتارلىقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقچى ۋە  ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنى مەخسۇس بەلگىلەنگەن مېھمانخانا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە نەزەربەند قىلغان.

داۋۇت ئىبراھىم ئۆلۈۋالدىمۇ، ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرى داۋۇت ئىبراھىمنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى گۇمان قوزغىدى.

بۇ يىل 49 ياشلىق داۋۇت ئىبراھىم زاۋۇتتىكى كۈزگە كۆرۈنگەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئىنژېنېر ئىكەن. 15-مارت زاۋۇت تەشكىلى ئۇنىڭ 15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇناردىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇت ئىبراھىم بىلەن  قاتتىق قېرىشقان ۋە ئۇنىڭغا ھەر تۈرۈك بېسىملارنى ئىشلەتكەن بۆلۈم باشلىقى گو دىفاڭنىڭ داۋۇت ئىبراھىمنىڭ جەسىتىنى تۇنجى كۆرگەن بىردىن بىر كىشى ئىكەنلىكى كىشىلەردە تېخىمۇ گۇمان پەيدا قىلىدىغان.

داۋۇت ئىبراھىمنىڭ ئايالى ئامىنە، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ھەرگىز  ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ۋەسىيەتمۇ قالدۇرمايلا كېتىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.