ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا ئامېرىكا جورجتاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.23

رابىيە قادىر خانىم 19-مارت جورجتاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان مۇنبىرى ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى داۋاملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقى، ئوخشىمىغان سىياسىي، دىنىي قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋاتقانلىقى، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇۋاتقانلىقى ۋە قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ئوققا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان بۇ خىل زوراۋانلىق سىياسىتىگە سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

رابىيە خانىم يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «تىبەت قانۇنى» غا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى، ئۇيغۇر ئېلىگە خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى تەكشۈرۈشكە، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناشقا چاقىرغان.

جورجتاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇق سۆزلەش يىغىنغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دوكتور سوفىي رىچاردسون خانىم تەكلىپ قىلىنغان.