2012.03.19

مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
مەزكۇر ئىككى مېھمان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە، مەدىنە، جىددە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش ۋە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. مېھمانلار يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.