رابىيە قادىر خانىم، جاڭ چۈنشەننىڭ ئىككى چوڭ يىغىندا قىلغان سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى

بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتناشقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ۋە رەئىسى نۇر بەكرى، 7-مارت كۈنى مۇخبىرلارنىڭ 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قاغىلىق ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرسە، بۇ خىل ۋەقەلەرنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جاڭچۈنشەن بولسا مۇخبىرلارغا ئېنىق قىلىپ «قاراقچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت قوللىنىشقا بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ چۈنشەن ۋە نۇر بەكرىلەرنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشتا قاتتىق قول سىياسەتنى تەكىتلىشىگە قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

رابىيە خانىم «خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇملىرىنى، قاتىللىق ھەرىكەتلىرىنى، قەتلىئاملىرىنى ھېچقاچان ئىنسانىيەتكە قارشى ھۇجۇم دەپ ئاتىمىدى، ھەتتا خاتالىق دەپمۇ تونۇمىدى، ئەمدى قەشقەردە، قاغىلىقتا خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ئىنسانىيەكە قارشى ھۇجۇم دەۋاتىدۇ. دېمەك، مانا بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ ۋە كۆرمەي كەلگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.» دېدى

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە ۋەقەلەردە ئۆلگەن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىرادىرىلىنى تىنچلىق بىلەن ئىپادىلەشكە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى قورغاس ناھىيىسىدە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن ئەيىبلەپ، ئون نەچچە ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011‏-يىلى 11‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، زەربە بېرىش نىشانىنى نۇقتىلىق «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قاراتقان ئىدى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق ساقچى ئورگانلىرى يېقىندا قورغاس ناھىيىسىدە دىنىي تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ناھىيىدىكى تاجى، ئاقسۇ قاتارلىق يېزىلاردىن 11 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان، 39 كىشىگە جەرىمانە قويغان. قۇرئانى كەرىم ئۆگىتىدىغان 6 دىنىي سورۇن پېچەتلەنگەن.

تاجى يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابلىرىدىن 11 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن يۈز بەرگەن قورغاس ناھىيىسىدىكى بۇ ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جەرىمانە قويۇلغان بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت دىنىي ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يولدىشى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلىش»، «قانۇنسىز دىنىي نەشرىيات ئەپكارلىرى» نى ساقلاش ۋە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان غۇلجىدىكى بىر ئائىلە خانىمى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ رايوندا قوزغىغان «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەت ۋە تىنچ دىندارلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، بېيجىڭدا ئېچىلغان يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى سۆزلىگەن سۆزىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بارلىق قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلەرنى چەكلەپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملارغا زەربە بېرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى تالانتلىق ئۇيغۇرلار تېلېۋىزىيىدىكى تالانت سەھنىلىرىدە ئالقىشلارغا ئېرىشتى

سېرك ماھىرى ئايگۈل مەمەت 4-مارت كۈنى كانادادىكى«تورونتو شەھرى» تېلېۋىزىيىسىدە، تالانتلىقلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك سېركچىلىك ماھارىتى بىلەن، 1-قېتىملىق تاللاشتىن ئۆتۈپ، 2-قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئايگۈل، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكى، ئۆز ۋەتىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بايان قىلدى.

ئايگۈل 2004-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن سېرك ئۆمىكى بىلەن كاناداغا ئويۇن قويۇشقا كەلگىنىدە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قېلىپ قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇر سېرك ئارتىسىنىڭ بىرى. بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ئايگۈلنىڭ قايتىدىن كانادادىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تالانتلىقلار سەھنىسىدە قايتىدىن چولپان كەبى چاقنىشى، ئۇيغۇرلارنى پەخىرلىك ھاياجان ئىلكىگە ئالدى. ئۇنىڭ ئورۇندىغان سېرك چەمبىرەك ئوينىتىش ماھارىتى باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

بۇ ھەپتە يەنە تۈركىيىدە تالانت سەھنىسىدە جانلىق دېكلاماتسىيىسى بىلەن بارلىق تاماشىبىنلارنى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن كىچىك تالانت ئىگىسى 4 ياشلىق مۇجاھىت قەشقىرى، 3-مارت شەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ «تالانت ئۆزىڭىزدە» ناملىق مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم تۈرك تاماشىبىنلىرىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشتى. ئىككىنچى قېتىملىق تاللاشقا كىرگەن مۇجاھىت قەشقىرىنىڭ كۆرسەتكەن ماھارىتى مۇسابىقىنىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە 3-باسقۇچقا تاللىنىشتىن شاللىنىپ قالغان. ئەمما مۇجاھىتقا بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن تېلېۋىزىيىگە چىقىشى ئۈچۈن تەكلىپلەر كەلمەكتە. ئۇ ھازىر كىچىك چولپانغا ئايلانغان.

ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە موڭغۇللار بىرلىشىپ، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى قوزغىدى

كېلەر يىلى سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ب د ت كىشىلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئەزالىرىنى سايلايدۇ. خىتاي 47 دۆلەتنىڭ ئەزالىقىدىكى مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا ئۆزىنى يەنە نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن. بىراق ئۇيغۇر تىبەت، خىتاي ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئەزالىقىغا قارشى چىققان. بۇلارد ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى ۋە جۇڭگو پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى قاتارلىق 4 تەشكىلاتتۇر.

ئۇلار خىتاينىڭ 2013‏-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يەنە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا قارشى تۇردى.

بۇ 4 تەشكىلات سەيشەنبە كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىدىن «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دوكتور ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت. جۇڭگونىڭ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋە نۇرغۇن ئۆكتىچى زاتلارنى قاماققا ئالغانلىقى بىز ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار رايونلىرىدا مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي تۇتقۇن قىلىش ۋە مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيىنى يولغا قويدى. كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈزبەردى. بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتى يوق» دەيدۇ.

ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم سايلايدۇ. ئەگەر، خىتاي يەنە ئەزالىققا سايلانسا، بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر كېڭەشكە ئۇدا 3‏-قېتىم سايلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.

خىتاي يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى لايىھىسىدە «مەخپىي تۇتقۇن قىلىش» يەنىلا كۈچكە ئىگە

بېيجىڭدا داۋام قىلىۋاتقان 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن. ب ب سنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى باھالاشقا قويۇلغان نۇسخىسىدا، ئەگەر «دېلو پاش قىلىشقا پايدىسىز» شارائىت يارىتىش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولسا تۇتۇلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا خەۋەر قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەن ماددا بار ئىدى.

گەرچە بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا كۆزدىن كەچۈرۈلگەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىدا خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرى بىر ئاز نەزەرگە ئېلىنىپ، ھەرقانداق تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا چوقۇم خەۋەر قىلىنىش شەرت قىلىپ قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما لايىھە «مەخپىي تۇتقۇن قىلىش»نى يەنىلا چەتكە قاقمىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىغا مېموراندوم (ئەسلەتمە) تاپشۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى مەخپىي قولغا ئېلىش ياكى غايىب قىلىۋېتىشنى قانۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيتوف خىتاينىڭ ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق تۈردە ھۆرمەت قىلمايدىغان يولغا مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى 8-مارت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇتلۇقلىدى

پۈتۈن دۇنيادىكى خانىم-قىزلارغا 8-مارت خەلقئارالىق خانىم قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى سالامەتلىك، بەخت سائادەت تىلەيمىز!

بۇ ئەھمىيەتلىك بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن چىققان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى 8-مارت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇتلۇقلىدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرى، قانۇنىي، دىنىي ھەق-ھوقۇلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقان، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زور ئازابلارغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئىقتىسادىي، مائارىپ ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالدۇرۇلۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.