2012.03.08

بۈگۈن قۇياش سىلەر ئۈچۈن پارلايدۇ، دۇنيا سىلەر ئۈچۈن كۈلۈمسىرەيدۇ. خانىم قىزلىرىمىزنىڭ بايرىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك يوسۇندا تەبرىكلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشىمىغان سىياسىي ۋەزىيەتتە، ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي، ۋە تەبىئىي شارائىتلاردا ياشاۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇچراۋاتقان ئوخشىمىغان مەسىلىلىرى قايتىدىن نەزەرگە ئېلىنىپ، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇلارنى زۇلۇمدىن، باراۋەرسىزلىكتىن، تەھدىتتىن، نامراتلىقتىن ۋە تۈرلۈك بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى قايتا تەكىتلەنمەكتە. خەلقئارالىق قىز-ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا زامانىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن چىققان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى بولغان رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەندىشىسى ۋە زامانىمىز ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىدىن پەخىرلىنىدىغان تەرەپلىرى ھەم ئۇلارنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچى ھەققىدە توختالدى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى 8-مارت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇتلۇقلىدى.