2012.03.07

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى يېقىنقى ۋەقەلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، ئاتالمىش تېررورچى ۋە زوراۋانلارغا بۇندىن كېيىن ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ چۈنشيەن يۇقىرىقى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.
سوئال: جاڭ چۈنشيەن بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيى يىغىندا 80 ئارتۇق مۇخبىرنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە 11 مىنۇت سۆز قىپتۇ. ئۇ بۈگۈنكى سۆزىدە، ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە، توختىلىپ، «بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلە ئەمەس، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ۋەھشىي تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى» دەپتۇ. بۇنىڭغا قارىتا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز نېمە؟
جاۋاب: ئىككى يىلدىن بېرى كۆردۇقكى، جاڭ چۈنشيەننىڭ سىياسىتى ۋە ئىجرائاتى بىلەن، ۋاڭ لېچۈەننىڭ، ۋاڭ ئېنماۋنىڭ، ۋاڭ جېنىنىڭ ئىجرائاتلىرىدىن قىلچە پەرق قىلمىدى. ئۇيغۇرلار يەنە ئېتىلدى، يەنە تۈرمىلەرگە تاشلاندى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن بايلىقلىرى تېخىمۇ كۆپلەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى. تەبىئىي ھالدا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيانلارمۇ پەسەيمىدى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئىسپاتلايدۇكى، شەرقى تۈركىستاندىكى مەسىلە مىللىي مەسىلىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشلىق، ئالماشتۇرۇش بىلەن، شوئار يېڭىلاش بىلەن ھەل بولمايدىغان مەسىلىدۇر.
سوئال: جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە يەنە، بۇلارغا يەنى ئاتالمىش تېررورچى ۋە زوراۋانلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ، دەپتۇ، بۇ سۆزلىرىدە بىر يېڭىلىق بارمۇ؟
جاۋاب: جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇملىرىنى، قاتىللىق ھەرىكەتلىرىنى، قەتلىئاملىرىنى ھېچقاچان ئىنسانىيەتكە قارشى ھۇجۇم دەپ ئاتىمىدى، ھەتتا خاتالىق دەپمۇ تونۇمىدى، ئەمدى قەشقەردە، قاغىلىقتا خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ئىنسانىيەكە قارشى ھۇجۇم دەۋاتىدۇ. دېمەك، مانا بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ ۋە كۆرمەي كەلگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى. شۇنداق، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىپ باقمىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئۈمىدىمىز يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالىق مەسىلە دەۋاتىمىز ۋە خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىرىۋاتىمىز، مەن مانا بۇ پۇرسەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى، تۈرك ئىسلام ئەللىرىنى، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ پەيلىگە دىققەت قىلىشقا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلىشقا چاقىرىمەن.
سوئال: جاڭ چۈنشيەن يەنە « بىز ئۇلارنىڭ قاتىللىق پىچاقلىرىنىڭ ئانا-بالىلارغا، بىزنىڭ خەلقىمىزگە، بىگۇناھ ئاممىغا قارىتىلىشىغا يول قويمايمىز»، دەپتۇ، بۇ قەشقەر ۋە قاغىلىقتا بولغان ۋەقەلەرنىڭ پۇقرالارغا قارىتا ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپتۇ، بۇنىڭغا قارىتا سىزنىڭ پىكرىڭىز نېمە؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن مەزكۇر ۋەقەلەردە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ -ئۆلمىگەنلىكى تېخى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېنىقلانغىنى يوق. ئەگەر راستىنىلا پۇقرالار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى دەپ قارالغاندىمۇ، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدە، بىز 5 -ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق تۈردە رايوندىكى خەلقنى زوراۋانلىق يولىغا، رادىكال يوللارغا قارىتا مەجبۇرلىماسلىققا، ئادالەتسىز سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەشكىنلەشتۈرمەسلىككە كۆپ قېتىملاپ چاقىردۇق. ئەمما قۇلاق سالمىدى. بۈگۈن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئېچىنىشلىق ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى جاۋابكار.
سوئال: جاڭ چۈنشيەنمۇ، نۇر بەكرىمۇ، رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ، چەتئەلدىكى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب: بۇ جاڭ چۈنشيەننىڭ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشتا چارىسىز قالغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ قايتا ئېتىراپى. چۈنكى، ئەگەر يەرلىك خەلق رايوندىكى جاڭ چۈنشەننىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالماي، چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالغان، بولسا، ئۇنداقتا جاڭ چۈنشيەننىڭ سىياسەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ بىر ئىسپاتى.
سوئال: جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە يەنە قوشۇمچە قىلىدىغان گەپ سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: جاڭ چۈنشيەن، خەلققە ئەركىن، دېموكراتىك جەمئىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. جاڭ چۈنشيەن ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ئۇ ئۆزى دېموكراتىك يول بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئەمەس، دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا بېيجىڭنىڭ تەيىنلىشى بىلەن كەلگەن. جاڭ چۈنشيەننىڭ باشلىقلىقى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر خەلقى جاڭ چۈنشيەن دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باققانمۇ ئەمەس، ئۆزى دېموكراتىك يول بىلەن كەلمىگەن بىر ئەمەلدار، خەلققە دېموكراتىيە يارىتىپ بېرەلمەيدۇ.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھېچ بىرىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويمىغانلىقىنى، شۇڭا رايوندىكى ۋەقەلەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ راست بولغان تەقدىردە، ۋەقەلەردە ئۆلگەن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىرادىرىلىنى تىنچلىق بىلەن ئىپادىلەشكە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.