توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى گەرىي لۇكقا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

مەكتۇپ مۇنداق باشلانغان: بىز مەزكۇر مەكتۇپنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمنى ئىپادىلەپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە 20 يىلدىن بۇيان دىققەت قىلىپ كەلدۇق. يېقىنقى مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتايدىكى ئۇيغۇر خەلقى دىنىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى قاتتىق كونتروللۇق ھەمدە ھەددىدىن ئاشقان خەۋپسىزلىك چەكلىمىلىرىگە دۇچار بولماقتا.

كومىتېت رەئىسلىرى گەرىي لوكقا قارىتىپ مۇنداق دېگەن: بىز سىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ۋەزىيىتىنى يېقىدىن كۆزىتىپ، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇئامىلىلەرنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلىمىز.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دائىم خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغانلىقى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان.

شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى بىلەن باشلاندى

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى رەسمىي باشلىنىشى بىلەن 2-ئاينىڭ 21-كۈنى شى جىنپىڭنىڭ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇل ۋە قەيسىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر قاتناشتى. شى جىنپىڭ ماشىنىسى بىلەن يولدىن ئۆتكەندە قولىدا كۆك بايراق ۋە تۈركىيىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز!»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىڭنى توختات!»، «يا ئاللا! بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار نى توۋلاشتى. نامايىشچىلار شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى يىرتىش، خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىقلار ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتى.

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيىدىن ئايرىلدى.

توقسۇنلۇق چارۋىچىلار ۋەكىلى: ئۆلۈشكە رازىمەنكى، يايلاق داۋاسىدىن ۋاز كەچمەيمەن

توقسۇن ناھىيىسىدىكى 40 نەچچە نەپەر چارۋىچى ئۆتكەن ھەپتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىغا توپلىنىپ، 410 مىڭ مو يايلىقىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئەمما نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار توقسۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى.

چارۋىچىلار ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئالدى بىلەن چارۋىچىلارنىڭ ۋەكىلنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان. بۇ تۆت ۋەكىلنىڭ سالاھىيەت كىنىشكا ۋە قول تېلېفونلىرىنى تارتىۋالغان.

بۇ تۆت ۋەكىلدىن بىرى ئابلەق مەنسۇر ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ دائىرىلەرگە، ئۆزىنىڭ ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما يايلاق داۋاسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابلەق مەنسۇر ھەتتا بالىلىرىغا يايلاق داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەسىيەتنامىمۇ يېزىپ قويغان.

ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى «خەلقئارا ئالاش ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى «خەلقئارا ئالاش ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

«خەلقئارا ئالاش ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قازاقىستاندىكى دۆلەتلىك مۇكاپات بولۇپ، ئەسەرلەرنى باھالاش يىغىنى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان. ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ. مۇكاپات ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق تارىخىي درامىسى ئۈچۈن بېرىلگەن.

ئالمۇتادا كۈرەش كۈسەن ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالمۇتادىكى «ئىنسان» ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاتاقلىق مۇزىكانت، كومپوزىتور كۈرەش كۈسەننىڭ نامىغا ئاتاپ، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى رەئىسى دىلشات قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن بۇ كېچىلىككە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.

مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۈسەن چەتئەللەرگە سەرگەردان بولۇپ چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ غەرب دۇنياسىغا تونۇلۇشىغا تېگىشلىك ھەسسىنى قوشقان ۋە «ئاتلاندۇق»، «شېھىت ئۆلمەيدۇ» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ئىدى.

ئاقسۇ دائىرىلىرى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش چىقارغان

ئاقسۇ دائىرىلىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئۇقتۇرۇشتا مەسچىتلەرگە سىرتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنى تەكشۈرۈش، دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ئاقسۇغا كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش تەلەپ قىلىنغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. بۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن.

ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە دىققىتىنى چېكىپ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئانا تىلنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭ ساپلىقى ۋە ھاياتى كۈچىنى قوغداشنىڭ، مىللەتنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كېلەچىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭا پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۇ ھەقتە توختالغان نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار خانىم ئانا تىلنى قوغداشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلنار خانىم سۆزىدە يەنە بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى.