2012.02.23

بۇ پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن 17-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن، كېيىن شۇ كىنو زالىدا يەنە فرانسۇز تىلىدا، 1949-يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتى تەپسىلىي ئاڭلىتىلغان.
18-فېۋرال كۈنى بولسا تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۆلمە ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتقان.

پائالىيەتكە فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تۈركلەردىن باشقا كۆپ ساندا فرانسىيىلىكلەر كېلىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر بۆلمىگە قويۇلغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فرانسىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئەكبەر يۈسۈپ ۋە ئۇيۇشما مەسئۇللىرىدىن دىلمۇرات ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.