2012.02.15

پرېزىدېنت ئوباما شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاينىڭ تىنچ يوسۇندا تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خىتاي قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلارنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كۈچ ۋە گۈللىنىشكە ئەگىشىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدۇق.
ئۇ يەنە سودا ئىشلىرىغا كەلگەندە ھەممە تەرەپنىڭ ئوخشاش پرىنسىپلارغا بويسۇنۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوباما يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ھالقىلىق مەسىلىلەردە، ئۆزىمىز مۇھىم دەپ ئىشىنىدىغان ساھەلەرنى يەنى بارلىق خەلقنىڭ ھوقۇق ۋە ئىستەكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىر قەدەر ئاشكارا رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشى. ئىلگىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى.
شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار ئوباماغا چاقىرىق ئېلان ئىلىپ، ئۇنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم تىلغا ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم «ھۇففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۈشكۈلاتلارنى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا قويۇش ۋە بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
رابىيە خانىم ئوبزورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ماقالىسىدە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىشنى سورىغان.
ئۇ ئوبزورىدا يەنە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا شەكىلدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى بىر-بىرلەپ مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن.
ئۇ ئوبزورىدا مۇنداق يازغان: تىبەتلەرگە ئوخشاشلا بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. خىتاي بىزنىڭ تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ھۇجۇم قوزغىدى. خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەرگە ئوخشاش تارىخىي ئابىدە خاراكتېرلىك يادىكارلىقلىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.
رابىيە خانىم يەنە ئىككى ئوغلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە نارازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا يىللاپ تۈرمىلەردە يېتىشقا مۇپتىلا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ماقالىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرغان: «ئەرەب باھارى» ھەققىدىكى بارلىق گەپ-سۆزلەر ئېچىنىشلىق ھالدا بىزگە شۇنى ئەسلىتىدۇكى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى زۇلمەتلىك ھەمدە تۈگىمەس زىمىستانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىشىنى تىلەيمىز.
شى جىنپىڭنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك خىتاي رەئىسى بولۇپ سايلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
شى بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا زىيارىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردا زىيارەتتە بولدى ۋە كەلگۈسىدە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش جەھەتتە «يەنە ياخشىلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بار» دېگەن بولسىمۇ، باشقا ئىپادە بىلدۈرمىدى.