2012.02.14
نامايىشقا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، فالۈنگۇڭچىلار ھەم خىتاي دېموكراتلىرى قاتناشتى. نامايىش چۈش سائەت 12-دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كېچە ئاقساراي ئالدىدا داۋاملاشتى.
نامايىشتا تىبەت، ئۇيغۇر ھەم خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي ئېتىقاد، تىل-مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى باستۇرۇشىنى ھەم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
نامايىشتىن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. بۈگۈنكى مەخسۇس پروگراممىلار سەھىپىمىزدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.