2012.02.14
كېئىتخ ئېللىسون، مىكائېل خوندا قاتارلىق 13 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئىمزا قويغان بۇ خەتتە، بۇلتۇردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى باستۇرۇشلار ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىڭپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تۈنۈگۈن خانتىڭتون گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. رابىيە قادىر خانىم يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى، شى جىڭپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت چەكلىمىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.