2012.02.13

بۇ يىل كومپارتىيە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا، خەلق پۇلى كۇرسى، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى، بازار، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى، يەر شارى تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى كۈچىيىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلىگە ئايلانغان نازۇك پەيتكە توغرا كېلىپلا قالماي، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان تەنقىد كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.
خەلقئارا جەمئىيەتلەر، ئۆكتىچىلەر، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئوبامانى ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدە سودا-ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنىڭ كۆلەڭگىسىدە قالماسلىقى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئاق ساراي، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى سودا-ئىقتىساد قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى دائىملىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى دانىيال رۇسسېل ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاخبارات ساھەسى بىلەن تېلېفون سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دانىيال رۇسسېل مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل، قەرەللىك ۋە دائىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ۋە خىتاينىڭ يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ قېتىممۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى جۈملىدىن ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە تىبەت ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ: تىبەت ۋە شىنجاڭدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى بىز جىددىي دىققەت قىلىدىغان ساھە. بىز ۋەزىيەتنى ھەقىقىي ئەندىشە ئىچىدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە تەقىب قىلىۋاتىمىز. ئامېرىكا ئىلگىرى بۇ ھەقتىكى پىكرىنى بىلدۈرگەن. بىز يەنە ھەر بىر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، خىتاي دانىلىرىنى ۋە رەھبەرلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋە بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جۈملىدىن تىبەتلەرنىڭ ئاساسى كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداشقا تۈرتكە بولىمىز، دېگەن.
قاھار بارات، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ، شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلەتسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ بېسىمى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىدا زادى قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېمەك قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.
ئوبامانىڭ شى جىنپىڭ بىلەن قانداق كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پرېزىدېنت ئوبامادىن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ئېتىپ تاشلاش، ئادالەتسىز سوتلاش ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ فرانك ۋولف قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالىرى ئوباماغا خەت يېزىپ، تىبەت مەسىلىسى شۇنىڭدەك يەنە گاۋ جىماۋ، گۇ چۈەن، چېن گۇاڭچىڭ ۋە ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن ئالىمجان ھىمىت قاتارلىق خىتاي تۈرمىسىدىكى 6 نەپەر ئۆكتىچى ۋە دىنىي زاتنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادى كرىزىسى ئىچىدىكى غەرب بىلەن بولغان سودىدا كىشىلىك ھوقۇق كوزىرىنى ئويناپ، غەربنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى ئىزچىل مەشغۇل قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئامېرىكىنىڭ 2011-يىلى خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى 202 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. بۇ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، سودىدىكى بۇ غايەت زور قىزىل رەقەم خىتاينىڭ سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقى ۋە خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى، دەپ قارالغان. شۇڭا خىتاينى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا بازىرىنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشكە مەجبۇرلاپ، ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى پاسسىپ بالانسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئوبامانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
شى جىنپىڭنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاق سارايدىكى ئۇچۇرۇشۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون ئۇنىڭغا چۈشلۈك زىياپەت بېرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاق ساراي ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىقى بىلدۈرىدىكەن.
ئاق ساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى كلىنتوننىڭ چۈشلۈك زىياپىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئو پانېتتا ۋە باش شتاب باشلىقى مارتىن دەمزېينىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىدىكەن. ئۇنىڭ شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىدە ئامېرىكا-خىتاي كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.