دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىلىدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىقنى خاتىرىلىدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش قىلىپ، ۋەقەدە قازا قىلغان ھەمدە ۋەقە سەۋەبىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىلەردە غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلسا، يەنە بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى.

بۇ خىلدىكى قارشىلىق نامايىشى 3-فېۋرال ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

«5-فېۋرال ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا، شۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيىدە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىغىلىش شەكلىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن ۋەقەنى خاتىرىلىدى.

1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى نامايىش تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، خىتاي نامايىشنى قانلىق باستۇرغان ۋە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئوبامادىن دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەكتۇپىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پرېزىدېنت ئوبامادىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان مەكتۇپىدا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 7-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم دىنىي پائالىيەتلەرگە يول قويسىمۇ، بىراق تىبەت بۇددىستلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، يەرئاستى خرىستىئانلار ۋە فالۇنگوۇڭچىلارنى نىشان قىلىپ، تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھايات -ماماتلىق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يۇقىرىقى مەكتۇپقا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

توقسۇنلۇق 40 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر چارۋىچى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ئالدىدا توپلىشىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

9-فېۋرال، 410 مىڭ مو يايلىقى ۋە 68 قورۇ، قوتىنى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان 40 نەچچە توقسۇنلۇق ئۇيغۇر چارۋىچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىدا توپلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ يايلاقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا كۆز يۇمۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 88-نومۇرلۇق مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر چارۋىچىلارنى يايلاقلىرىنى شەرتسىز بىكارلاشقا بۇيرۇغان.

شۇ كۈنى، رايونلۇق پارتكوم ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر چارۋىچىلار، ئەنە ئاشۇ 88-نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى، بۇيرۇقنىڭ سەۋەب ۋە ئاساسلىرى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولغان. ئۈرۈمچىدە ھاۋا بەكلا سوغۇق بولغاچقا، ئامالسىزلىقتىن ئەرزىيەت كادىرلىرى بىلەن سۆزلىشىشكە ماقۇل بولغان.

چارۋىچىلار ئەگەر ئىشخانىدىكى سۆھبەت يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، پارتكوم ئالدىدا ئەتە يەنە بىر قېتىم توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر نارازىلىقىغا قۇلاق سالىدىغان ئادەم چىقمىغان ئەھۋالدا، ئەتە چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كادىر: ئىچكىرىدىن ياردەمچى كادىر داۋاملىق كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ھېچ ياردىمىنى كۆرمىدۇق

خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭغا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن ئاتالمىش «ياردەم بەرگۈچى»، «ئىختىساس ئىلگىرى» نىڭ ئىشخانىلاردا لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال كادىر، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەۋەتىلگەن كادىرلار بىلەن بىللە ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى ۋە بۇ ناھىيىگە ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئېيتقاندەك ئىختىساسلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلار «ياشلىق باھارىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە بېغىشلىماقتا» دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى.

ئايشەمگۈل تۇرسۇن: ساقچىلار دادام ۋە بالامنىڭ بەدەن ئورگانلىرىنى بۇلاپ كەتتى

2005-يىلى 4-ئايدا تۇرپان ۋىلايىتى يار يېزىسىدا يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىدە، ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

2005-يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يار يېزىسىدىكى ئايشەمگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى ۋە ئىككى بالىسى بىر قاتىل تەرىپىدىن پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇلغان.
ساقچىلار قانۇن دوختۇرلىرى بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن ئايشەمگۈل تۇرسۇننى ئايرىم بىر يەرگە سولاپ قويغان، ئاندىن يۇرت-جامائەتنى قورۇدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، سىرلىق بىر قۇتقۇزۇش ئوپېراتسىيىسى باشلىغان.

ئايشەمگۈل تۇرسۇن سولانغان جايدىن قېچىپ چىقىپ، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ كىچىك بىر ساندۇققا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ساقچىلارنى «ئوغرىلار» دەپ چۇقان سالغان. جامائەت قورۇغا باستۇرۇپ كىرىپ ئايشەمگۈلنىڭ يارىلانغان يەنە بىر قىزىنى ساقچىلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ قاچقان.

ئايشەمگۈلنىڭ دېيىشىچە، جەسەتنى يۇغۇچىلارمۇ جەسەتنىڭ قورساق قىسمىنىڭ كېسىك ۋە كەمتۈكلۈكى ھەققىدە ئىسپاتنامە بەرگەن. ئەمما، شۇنچە كۆپ ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، بەدەن ئورگانلىرىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق دېلو تۇرغۇزۇلمىغان. ئايشەمگۈلنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالغۇچى ئورۇنمۇ چىقمىغان.

تايجېن ھوروز: خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى داۋام قىلماقتا

ئەنگلىيىدىكى تايجېن ھوروز «خىتاي ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشنى داۋام قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرۇش سىياسىتىنى يېزىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۇنياسىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1962-يىلى لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرگەنلىكى، كېيىنچە تۈركىيىدىن لاتىنچە يېزىلغان كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى قايتىدىن يېزىق ئۆزگەرتىپ، ئەرەبچىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۇيغۇرلارنى بىر ياقتىن دۇنيادىن ۋە تۈرك دۇنياسىدىن ئايرىدى، يەنە بىر ياقتىن، يېڭى ئەۋلاد ئەجدادلىرىنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.

ماقالىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن پىلانلىق ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى جامائەت پىكرى توپلاشنىڭ مۇھىملىقى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن.