د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پرېزىدېنت ئوبامادىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان مەكتۇبىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.02.08
shi-jinping-305.jpgخىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. 2010-يىلى 25-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى نازۇك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تۈنۈگۈن پرېزىدېنت ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۈرمىگە سولانغان، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ رولىنى تەۋرەنمەي قوغدايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرغان ئىدى.

دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يەنە، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۈنسايىن ناچارلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم دىنىي پائالىيەتلەرگە يول قويسىمۇ، بىراق تىبەت بۇددىستلىرىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، كاتولىكلارنى، تىزىمغا ئالدۇرمىغان خرىستىئانلارنى ۋە فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرىنى نىشان قىلىپ، تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى شىددەتلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپنى خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇپ تۇرغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر كومىتېت مەكتۇپىدا ئوباماغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، دىنىي رەھبەرلىرىنى، سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى، كىشىلىك ھوقۇق تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، دىنىي ئەركىنلىكنى نىشان قىلىپ، بىر تىزىملىك ئېلان قىلىشنى، ئۇنىڭدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت دەرد-ئەلەملىرىنى ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى، تىزىمغا ئالدۇرمىغان خرىستىئان گۇرۇھلارنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇشنى، تىبەت ئىبادەتخانىلىرىغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتى ئۆتكۈرلىشىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەكتۇپىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى قوللايدىغانلىقى، بىراق ئوبامانىڭ شى جىنپىڭغا يەنە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ خالىغانچە ئوق چىقىرىپ، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئوباماغا يازغان مەكتۇپىدا يەنە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە «دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى چوڭقۇر نارازىلىق قوزغىغانلىقى»، بىراق «بۇ خىل نارازىلىقنىڭ بېيجىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ياكى ئىقتىسادى جەھەتتىن ئالداش ئارقىلىق يۇمشاتقىلى بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇڭا پرېزىدېنت ئوبامانى شى جىنپىڭ بىلەن «دىنىي ئەركىنلىك نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن»، دېگەن مەسىلىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئالغا سۈرۈشنىڭ دىپلوماتىك، سىياسىي، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي پايدىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە چاقىرغان.

دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەكتۇپىدا ئوبامانىڭ يەنە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي مەزكۇر مەسىلىدە ئىزچىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»، لخاسا «14-مارت ۋەقەسى» گە ئوخشاش جىددىي پەيتلەردە قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كىشىلەرنى ئادالەتسىز سوتلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئەيىبلىنىپ كەلگەن. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي رەھبەرلىرى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاساسى كىشىلىك ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان كىشىلەر پات -پات پاراكەندىچىلىك ۋە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن.

بىراق رابىيە قادىر خانىم ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھايات -ماماتلىق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاق ساراي كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان دائىملىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق پرېزىدېنت ئوبامانىڭ قانداق مەسىلىلەرنى قايسى رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، «شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا مەنپەئىتى بىخەتەرلىك ۋە مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىشنىڭ پۇرسىتى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز سىزنىڭ داۋاملىق دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋېتىدىكى جىددىي مەسىلە» دېگەن سىگنالنى بېرىشىڭىزنى سورايمىز» دېگەن.