2012.02.08

ئانا ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەش، قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىش ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي ھاياتىنىڭ ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم پارچىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى، بۇ كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سورۇنىدا غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە سۆزلىنىۋاتقان تەسىراتلاردىن بىر مىسالدۇر.
پېشقەدەم مائارىپچى ھۈسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار 14-فېۋرال كۈنى ئادىلايت شەھىرىدە، 21-فېۋرالدا بولسا سېدنېي شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن. سېدنېيدىكى نامايىش، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۆلۈمىدىن بىر كۈن كېيىنگە توغرا كەلگەچكە، خىتاي ئەلچىخانىسىغا گۈلچەمبىرەك ۋە تەزىيەنامە سۇنۇۋاتقان دىپلوماتلار ۋە ھەر ساھەدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھۈسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە ئاخباراتىغا چىقىشى غۇلجا ۋەقەسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىنىش ھەققى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توغرا كۆرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق يولى بىلەن ئاۋسترالىيىگە يەرلىشىشكە باشلىغان.
2008، 2009-يىللىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئارقا-ئارقىدىن ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى سىياسىي پاناھلىق جەريانى ئالاھىدە تېزلەشكەن. نۆۋەتتە ئاۋسترالىيىدە، بىر ئافغانىستانلىقنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماس جەريانى 7، 8 يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا 3 ئايدىن 6 ئايغا قەدەر ۋاقىت ئىچىدە تەستىقلانماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ۋەقەسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا باشلانغۇچ رول ئوينىغان. بۇنداق بولۇشىغا ۋەقەدە تۆلەنگەن بەدەللەردىن باشقا، دۇنيادا پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، جۈملىدىن ئىنتېرنېتنىڭ بارلىققا كېلىشى، ۋەقەنىڭ ئۇچۇرىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ۋە كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى، 5-فېۋرال نامايىشىغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇنتىزىم، تەشكىللىك ۋە تېخىمۇ زور بىر تارىخىي ۋەقەدۇر. ئەمما ئەينى چاغدا ئىنتېرنېتنىڭ يوقلۇقى ئىنقىلابنىڭ خەلقئارا تەسىرىنىڭ كېڭىيەلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يوشۇرۇلۇپ بولالمايدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىي بىر خەلقئارا بىر مەسىلە سۈپىتىدە ھامان بىر كۈنى ب د ت دا كۈنتەرتىپ ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.