2012.02.06
نامايىش يۈز بەرگەن ناھىيىلەردىن بىرى سىچۈەننىڭ گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سەرتار ناھىيىسى بولۇپ، بۇ ناھىيىنىڭ تىبەت مىللىتىدىن بولغان ھاكىمى پالدەن دېگەن كىشى بۈگۈن خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە مەزكۇر نامايىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.
پالدەن سۆزىدە نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشسىز ياشلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ناھىيىدە ياشلارغا ئىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئوخشاش ۋەقە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەندە، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى، رايوندىكى ئىشسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغان؛ ئۇ ۋەقەنى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قۇتراتقۇچىلار پەيدا قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئارقىدىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئۆلۈم جازالىرى داۋام قىلغان.
تىبەتلىك ھاكىمنىڭ مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى چەتئەلدىن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائاتىدىكى بوشلۇقلاردىن ئىزدىشى، تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ 5 -ئىيۇلدىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلاردەك ئېچىنىشلىق بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.