مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.02.04
2012.02.04
بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش قىلىپ، ۋەقەدە قازا قىلغان ۋە ۋەقە سەۋەبىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىلەردە غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلسا، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغان تولىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى.
بۇ خىلدىكى قارشىلىق نامايىشى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.
بۈگۈن نورۋېگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت رايونى بويىچە 5 – فېۋرال نامايىش ۋە باشقا شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ «5 – فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەيدىكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.