2012.02.02

2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلغان بۇ يېغىن يېڭى ۋەيلىس شتاتىنىڭ شتاتلىق پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى، مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى ۋە جۈرئەت ئابدۇكىرىم ئەپەندىلەر يىغىندا گۇۋاھلىق بەردى. يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلەش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى قويماسلىقتا يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلىش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ يېغىنغا مەزكۇر كومىسسىيىنىڭ رەئىسى لورىي فەگۇسىن ئەپەندىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئاۋسترالىيە فېدىرال كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن تۆت كىشى قاتناشقان.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى يېغىن ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈنكى بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مەزكۇر كومىسسىيىنىڭ ئاساسلىق قاراپ چىققان مەسىلىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى نۆۋەتكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە تېخىمۇ يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلەش بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللارغا دەملىشىپ جاۋاب بەردۇق. ئەلۋەتتە رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىگە بۇندىن بۇرۇن كەلگەن نۇرغۇن قېتىملىق زىيارەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاۋسترالىيە فېدىرال پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارنى قىلىپ ئۆتكەن. بىزنىڭ بۈگۈن بەرگىنىمىز پەقەت رابىيە قادىر خانىم بېرىپ ئۆتكەن شۇ مەلۇماتلارغا بىنائەن يېڭى بىر تولۇقلاشلارنى، بولۇپمۇ مۇشۇ ئەڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار توغرىسىدا يېڭى بىر مەلۇمات بېرىش بولدى.»
ئۇ يەنە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا بىلدۈرگەن ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەتلەرنى سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا قارشى تەرەپنىڭ ھەر ۋاقىت ھەيران قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتاكى بىزنىڭ گېپىمىزگە شۈبھە بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز. بۈگۈنكى بۇ يىغىندىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە يىغىپ قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى مائارىپ سىياسىتىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ ئۇيغۇر ياش بالىلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشتەك قىسمەتلىرىنى سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا، بۇلار ئەلۋەتتە بەكلا ھەيران قالدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا، مەيلى كۆچمەن بولۇپ كەلسۇن ياكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بولسۇن ھازىرغىچە ياخشى ھەم كەڭرى بىر سىياسەت تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان پايدىسى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن ئاۋسترالىيىدە جۇڭگو ۋە ۋيېتنام كىشىلىك ھوقۇقلىرى توغرىلىق دىئالوگ بولدى. مەن سۆزلىگەن ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندىن ۋىزا ئۈچۈن، ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ياكى تۇغقان يوقلاش ۋىزىسى ئىلتىماس سۇنغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋىزىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن رەت بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بۇ كومىتېتقا ئېنىق دېدىم. ئۇ يەردە دېگەن گەپلەر ‹شىنجاڭلىق، ئاۋسترالىيىدە ھازىر قالايمىقان گەپلەر بولۇۋاتىدۇ، سەن بارساڭ قايتىپ كەلمەيسەن دەۋاتىدۇ.› مەن بۇنى مۇنداق ئىپادىلىدىم: ‹سەن ئۇيغۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەت قىلدۇق› دېگەن بىر مەنە بار دەپ چۈشەندۈرۈپ بەردىم. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن مۇمكىن بولسا بۇنداق قارارنى بىر ئاز ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا كۆپرەك ئىمكانىيەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.»
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن قەرەللىك ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاۋسترالىيە ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا قانداق رولى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە بۇنداق بىر پائالىيەتكە ئۈمىد بىلەن قاتناشتۇق. ئۇندىن باشقا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنداق بىر كومىتېتىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ جۇڭگو ۋە ۋيېتنامدىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرى توغرىلىق خۇلاسە چىقىرىپ ھۆكۈمەتكە تەۋسىيە قىلىش مەقسىتى بىلەن، ئەلۋەتتە بىر نەتىجە ئىلىش مەقسىتىدە قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارغا ئېنىق شۇنداق دەپ بەردىم. ئەگەر ئەركىن دۇنيا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدەك يەنە باشقا ئەركىن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئارىلاشماي، كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىلىق پائالىيەت قىلمىسا، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە باشقا مىللەتلەر ھەتتا ئەركىن دۆلەتلەر ئۆزىمۇ زىيان تارتىدۇ. يەنە ھەم ئىشەنچىم بار، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ بۇلارنى ئېنىق بىلىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كومىتېت ئورۇنلاشتۇرغان دەپ ئويلايمەن. يەنە ئىشەنچىم بار، ئەركىن دۆلەتلەر بىلەن بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خۇدايىم بۇيرۇسا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بولسۇن، تىبەت ياكى باشقا بۇنداق ئاسارەتتە ياشىغان يەرلەر ئۈچۈن بىر ئۆزگىرىشلەر، تەرەققىياتلار بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
سىيىدىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ۋە مەھمەت چەلەپچى ئەپەندىلەر ئۆز سۆزلىرىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.