رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى
17-يانۋار ئەتىگەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللىرى گېرمانىيىدىكى ئىككى كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گوللاندىيىگە يېتىپ كەلدى ۋە گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيىدىكى خىزمەت زىيارىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تەپتىش نۇرمۇھەممەد مۇساباي قاتارلىقلار كەلگەن.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى
رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق رەھبىرى خادىملار خىزمەت زىيارىتى داۋامىدا گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش؛ لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ھال سوراش ۋە ياپونىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قۇرۇلتاي ھەققىدە مەلۇمات بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.
18-يانۋار گوللاندىيىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسى، ئىنقىلاب ۋە مۇستەقىللىق غايىسى، ئىنسانىي ئەخلاق قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان نۇتۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرغان.
ئەركىنلىك سارىيى: «ئەرەب باھارى» خىتاي قاتارلىق ئىستىبدات دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتى 19-يانۋار ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا دۇنيادىكى يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ 2011-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلىپ، «ئەرەب باھارى» نىڭ دۇنيادا دېموكراتىيىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقى، خىتاي قاتارلىق ئىستىبدات دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا ئەسكەرتىپ: خىتايدا دائىرىلەر قاھىرەنىڭ تەقرىر مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قولغا ئېلىش، نەزەربەند قىلىش، ئاخباراتنى چەكلەش، تورنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەسەبىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى، دەپ تەكىتلىگەن.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2011-يىلى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە پۇقرالار ھۆرلۈكى جەھەتتىكى ئەھۋالى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلاشقان. ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ياخشىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غولبۇيى يېزىسىدىكى 410 مىڭ مو يايلاق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە يېڭى تەرەققىيات پىلانى سەۋەبلىك، توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غولبۇيى يېزىسىغا تەۋە 410 مىڭ مو يايلاق خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان.
بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يېزىدىكى 560 نوپۇسلۇق 84 چارۋىچى ئائىلىسى ھايات يولىدىن ئايرىلىپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يايلاق ئاساسلىقى، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە ماكانلاشقان 12 دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق 104-پولكى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان.
نۆۋەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ جايدا كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۈرلۈك سودا سانائەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل. يەر ئىگىلىرى بولغان بۇ 84 ئائىلىلىك ئۇيغۇرغا ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، غولبۇيى يېزىلىق ھۆكۈمەت نۆۋەتتە 410 مىڭ مو يايلاق مەسىلىسىدە ئۇيغۇر چارۋىچىلار تەرەپتە تۇرۇش ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتى تەرەپتە تۇرۇشتا تېڭىرقىماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى شۋېتسارىيىنىڭ لوزاننا شەھىرىدىنمۇ ياڭرىغان ئىدى
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1955-يىلى شۋېتسارىيىنىڭ لوزاننا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانىلارنىڭ دۇنياۋى قۇرۇلتىيىغا غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى خەلىپەم تېيىپمۇ قاتناشقان.
يىغىنغا 70 تىن ئوشۇق دۆلەتتىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، يىغىن، 1955-يىلنىڭ 7-ئىيۇلدىن 10-ئىيۇلغىچە داۋام قىلغان.
ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ھەم جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان خەلىپەم تېيىپ مەزكۇر قۇرۇلتايدا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زامانىۋى باسقۇچتىكى ئەھۋالى» ماۋزۇسىدا دوكلات بەرگەن ھەم بۇ يەردە دۇنيا ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان.
خەلىپەم تېيىپ 1925-يىلى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاقتام يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىللە 30 -يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا تەۋەسىگە كۆچۈپ كەلگەن.
خەلىپەم تېيىپ 50-يىللارنىڭ ئاخىرى باشلانغان سىياسىي تەقىبلەشلەر جەريانىدا ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.
ئەرزدار بۇخەلچەم رۇسۇلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇرلار
ئاقسۇدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر ئەرزى پات ئارىدا توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بېيجىڭغا قايتا يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقسۇ شەھىرىدە كەسپىي تېخنىك مەكتىپى ئاچقانلىقى ئۈچۈن ئاقسۇدا ئەل-جامائەتنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن مەكتىپى چېقىۋېتىلگەن سابىق كارخانىچى، ئەرزدار بۇخەلچەم رۇسۇل، مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 6-قېتىم بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىشىچە، بۇخەلچەم رۇسۇل ئاقسۇغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن شەھەرلىك ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئىككى كۈن قاماپ قويۇلغان ۋە بېيجىڭغا قايتا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن.
كەلپىن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «بۇرۇت ماجىراسى» ھەققىدىكى ئىنكاسلار
مەلۇم بولۇشىچە، كەلپىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىش» قارارى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى بېسىملارغا دۇچار قىلغان.
كەلپىن ناھىيىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلپىن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك پارتكوم سېكرېتارى 16-يانۋار مەكتەپتە ئېچىلغان چوڭ يىغىندا بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى رەت قىلغان نەچچە ئون ئوقۇتقۇچىنى ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ تەنقىد قىلغان ھەمدە ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى يەنە رەت قىلسا جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
كەلپىن ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، نۆۋەتتە كەلپىن ناھىيىسىدە پەقەت ئوقۇتقۇچىلارغىلا ئەمەس، بەلكى يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغىمۇ شۇ خىل تەلەپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش» نامىدىكى ئۆيلەردە ئېغىر دەرىجىدە سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش» نامىدا ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىغا ئۆي سېلىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرگەن.
بۇ ئۆيلەر «بىكارلىق» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن پەردازلانغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بېرىشقا قىزىققان. ھالبۇكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىچىك ياكى مۇھىتى ناچار ۋە يىراق رايونلارغا سېلىنغان بولغاچقا، بۇلار ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي، سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىكىگىمۇ كۆپ تەھدىتلەرنى پەيدا قىلغان.
شۇ خىلدىكى ئۆيلەردە بىر يىلدىن كۆپ ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆيلەردە خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئولتۇرۇۋاتقانلار ئاساسەن نامرات بولغاچقا، يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.