2012.01.17

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى باشلىق 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار تاڭ قاراڭغۇسى، ھاۋانىڭ سوغۇقىغا قارىماي ۋەكىللەرنى قارشى ئالدى.
سەمەت ئابلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ گوللاندىيە سەپىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

گېرمانىيىدىن يولغا چىققان بۇ ۋەكىللەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تەپتىش نۇرمۇھەممەد مۇساباي ئەپەندى قاتارلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئەتىگەن سائەت 10 لاردا ئامىستېردامغا يېتىپ كەلدى ۋە كاستىركومدىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مېھمانلار ھاردۇق چېيى ئىچكەچ قارشى ئېلىشقا چىققانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولدى ۋە ئەتىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت ھەققىدە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.
بۇ قېتىمقى خىزمەت زىيارىتىدە گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش؛ كامپلاردا پاناھلىق تەلىپىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ھال سوراش ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ياپونىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قۇرۇلتاي ھەققىدە مەلۇمات بېرىش قاتارلىق ئىشلار مەقسەت قىلىنىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئەتىكى ئىلىپ بېرىلىدىغان ئوچۇق يېغىن پائالىيىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. ياۋروپا تۇپراقلىرىغا تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغان نۇرمۇھەممەد مۇساباي ئەپەندى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق رەھبەرلىكى ۋەكىللىرى ئەتە چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدىكى بىر مەرىكە زالىدا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئورتاق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر توپلاش يىغىنى ئاچىدىكەن.