2012.01.10

شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئۆچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاساسلىق نىشان دائىرىسىگە ئېلىنغان. 8-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تېلېفون-تېلېۋىزىيە يىغىنىدا بولسا خىتاي دائىرىلىرى، بۇ يىللىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ نىشانىنى «نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش» دەپ جاكارلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا 9-يانۋار بېرىلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 8-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىمىي كومىتېت ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن «بۇ يىل نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ بۇ يىللىق پىلاننى ئورۇنلاشقا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
2011-يىلى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، پىلانلىق تۇغۇتنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ مۇناسىپ سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن ئىدى، بۇ خىل كۈچلۈك تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئەزەلدىن پىلانلىق تۇغۇت بىر قەدەر قاتتىق يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ كۈچلۈك مەۋقەدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 11-بەش يىللىق خىزمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، 2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى پىلانلىرى، نىشانلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ خىزمەت ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي ئۇچۇرىنى توپلاش ۋە خاتىرىلەش خىزمىتى ئورۇندىلىپ، نوپۇس ستاتىستىكا ئۇچۇر ئامبىرى مۇكەممەل قۇرۇلغان. بۇنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باشقۇرۇشتا ئاسانلىق يارىتىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلغان نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 813 مىڭغا يەتكەن. 11-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى 11 يېرىم پىسەنت ئەتراپىدا كونترول قىلىندى دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن بەش يىلدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئۇيغۇر نوپۇسى بىر قەدەر زىچ بولغان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇغا قاراتقان بولۇپ، جايلارغا پىلانلىق تۇغۇت مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى كۆپەيتىش، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى تەربىيىلەپ قوشۇننى كۈچەيتىش، پىلانلىق تۇغۇت تەربىيە ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، پىلانلىق تۇغۇت ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەنلەرنى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ ئېتىبار بېرىش ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشكە ئوخشاش سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىشاننىڭ ئورۇندىلىشى 99% تىن ئاشۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن يەنە دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كۆز قارىشىنىڭ ئېشىپ ئاز تۇغۇپ، تېز باي بولۇش سىياسىتىگە ماسلىشىپ «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ۋە «يالغۇز پەرزەنتلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئاپتونوم رايون بويىچە پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر 34% تىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 24 خۇرسەندىن ئارتۇقىنى دېھقان، چارۋىچىلار ئائىلىسى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزىلاردا بەكرەك كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان، يېزىلاردا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نىشانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۇنىڭدا، 49 ياشتىن تۆۋەن تۇغۇت يېشىدىكى بارلىق ئاياللارنى تىزىمغا ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىپ پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى قوللىنىش، نىكاھلانغان، تېخى پەرزەنت كۆرمىگەنلەرنى تەكشۈرۈپ پىلانلىق تۇغۇت تەربىيىسى بېرىش، بىر ياكى ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلارغا قارىتا تەشۋىقات تەربىيىنى كۈچەيتىش ۋە مۇناسىپ پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى ئىشلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئائىلىلەرنى ئۆمۈرۋايەت بىرلا پەرزەنت كۆرۈشكە ئىلتىماس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇناسىپ ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلەش، پىلانلىق تۇغۇت ۋە بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان ئائىلىلەرنى ئۆلچەم بويىچە مۇكاپاتلاش.
ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسەت ۋە بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەشكە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر قېتىم كۇرسقا قاتناشمىغانلاردىن 10 يۈەندىن جەرىمانە ئېلىش، ئىككى قېتىم قاتناشمىغان، ئالاقىدار پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مائاشىدىن ئون يۈەن تۇتۇپ قېلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە خىلاپلىق قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇشنىڭ ئورنىغا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماسلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى قوللىنىش ئارقىلىق، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەدەنىي يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ كەلمەكتە.
خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر ئايال پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا قاتتىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق نوپۇسى خىتايدەك كۆپ بولمىغان مىللەتلەرگىمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قوللىنىش، نوپۇس قىرغىنچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن «دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسەت» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا «رابىيە قادىر باشلىق چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقاتقانلىق دەپ سەپسەتە تارقاتماقتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا نوپۇس مۇتلەق سانىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولدى، كۆپەيگەن نوپۇسنىڭ 76% ئىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى، سۇ ۋە ياشاش مۇھىتىنىڭ قىس بولۇشى، بايلىق مەنبەسىنىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ چەكلىك بولۇشى بۇ جايدا نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، بۇ ئىقتىساد ۋە بايلىقنى خورىتىپ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا زىيان سالىدۇ، شۇڭا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تەخىرسىز توغرا سىياسەت» دەپ رەددىيە بەرگەن ئىدى.
مەركىزى ئىشخانىسى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ خادىمى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ،«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى مەيلى قايسى مىللەتكە قوللانمىسۇن، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتلىرىگىمۇ خىلاپ بىر سىياسەت» دەپ تەنقىد قىلدى.