بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق چېخ پرېزىدېنتى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاسلاۋ خاۋېل ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان تەزىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ۋاسلاۋ خاۋىلنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.01.06

رابىيە قادىر خانىم ئۆز تەزىيەنامىسىدە ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن ۋاسلاۋ خاۋىلغا بولغان تەزىيىسىنى بىلدۈردى.

ۋاسلاۋ خاۋېل 18-دېكابىر كۈنى 72 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇ 70-يىللاردىكى شەرقىي ياۋروپادا قوزغالغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈشىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى شەخس دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كوممۇنىزمغا قارشى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 70-يىللاردا 5 يىل تۈرمىدە ياتقان.

ۋاسلاۋ خاۋېل 1993-يىلدىن 2002-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى كىتابلىرى، يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.