نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى نورۋېگىيىنىڭ ستاۋانگەر شەھىرىگە جەم بولۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012.01.02

norwegiye-yengi-yil-tort-305.jpgنورۋېگىيە ياشلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمىغا ئاتىغان تورتى. 2011-يىلى 31-دېكابىر.

بۇ يىلقى يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە زالغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان ۋە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق پائالىيەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى، نورۋېگىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى تېز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ياشلارنى تەربىيىلەشنى ئاساسى خىزمەت كۈن تەرتىپىگە قويغان ئىدى. ياشلارنىڭ پۇتبول ۋە سەنئەتكە بولغان قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارغا پۇتبول ۋە سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش شارائىتلىرىنى ھازىرلاپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تەشكىللەپ، ياشلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقارغان ئىدى.

norwegiye-yengi-yil-paaliyiti-385.jpg
يېڭى يىل پائالىيىتىگە قاتناشقان نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلار. 2011-يىلى 31-دېكابىر.
RFA/Aygul Yusup

 

ياشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئىليار ھاجىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، يالغۇز كۆڭۈل ئېچىشنىلا مەقسەت قىلغان بولماستىن، بەلكى ياشلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋە ياشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرادىسىنى ئاشۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى.

ئىليار ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تېلېفون بىلەن ياشلارنىڭ بۈگۈنكى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن ۋە ئۇلارغا قىسقا نۇتۇق سۆزلىگەن.

بۇ قېتىمقى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدىن جەمئىي يۈزدىن ئارتۇق ياشلار كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە خۇشال-خۇرام ھالدا باشلىنىپ كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشقان.