2012.01.01
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، 2011 – يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، قىلىنغان كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىچىدە گەۋدىلىكلىرىنىڭ بىرىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ يىغىنىدا رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلارنى قارىلاش ھەرىكىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ب د ت ئەزالىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم بۇ يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى خىتاي ۋەكىللىرىگە قارشى چىقىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوللىغانلىقىنى تەسىرلىك ھالدا ئەسلەپ ئۆتتى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە يېقىندا گۇما ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 7 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۆتكەن 7 – ئايدا يۈزبەرگەن خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىنى ئەسلەتتى. ئۇ يەنە 2011 – يىلى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆيى سېتىۋېلىنغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى قىزغىن چاۋاكلار بىلەن قارشى ئېلىندى.
بۇ قېتىمقى يېڭى يىل پائالىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، بۇ قېتىم پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلارنىڭ نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ياشلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى. 2011 – يىلى، 12 – نويابىر كۈنىدىكى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىدىمۇ ياشلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى ئاكتىپلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆپچىلىك, ياش ئەۋلادلارنىڭ بۇ خىل مىللىي قىزغىنلىقىدىن ئاپىرىن ئوقۇشتى.