2011.12.23
ۇيغۇر بوكسيۇرچىلار ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە زور نەتىجىگە ئېرىشتى
ئۇيغۇر بوكسيورچىلار قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، زور نەتىجە قازاندى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترىنېرى مىنگېرى خەيرۇدىنوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان 10-نۆۋەتلىك قازاقىستان خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە زۇلپىقار مەمەت ئېلى 69 كىلوگراملار تۈرىدە رەقىپلىرىنى يېڭىپ، چىمپيونلۇققا ئېرىشكەن. ئوخشاشلا ئالىم ھوشۇر 52 كىلوگراملىقلار تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 7 بوكسيورچى قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر بوكسيورچىلارنىڭ ھەممىسى نەتىجىگە ئېرىشكەن.
زۇلپىقار مەمەت ئېلى ۋە ئالىم ھوشۇرلاردىن باشقا يەنە قۇربانجان چوڭ 56 كىلوگراملىقلار، ئابدۇرېھىم ئىبراھىم بىلەن ئەيسا قارى 81 كىلوگراملىقلار بويىچە 3-لىككە، ئابدۇرېھىم بىلەن ئايبىن 60 ۋە 75 كىلوگراملىقلار بويىچە 5 لىككە ئېرىشكەن.
مىنگېرى خەيرىدىنوف نامىدىكى مەزكۇر مۇسابىقىگە رۇسىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئۇكرائىنىيە قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا ئىسرائىلىيە، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى.
ئۇيغۇر ئەرزىدارى نۇرگۈل توختى د ئۇ ق ئەزاسى دېگەن گۇمان بىلەن 38 كۈن قاماپ قويۇلغان
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن نۇرگۈل توختى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 38 كۈن سولاپ قويۇلغان.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، نۇرگۈل توختىنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى خىتاي ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئەپقېچىپ كېتىلگەن. بۇ ۋەقە نۇرگۈل توختى تىجارەت قىلىۋاتقان داليەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىدى. گەرچە نۇرگۈل خانىم ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي ئادەم بېدىكلىرىنى تېپىپ ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئوغلىنىڭ بىنورماللىقىنى بايقاپ ساقچىغا ئەرز قىلغان. لېكىن ساقچىلار ئادەم بېدىكلىرىنى تۇتۇپ جازالاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ باشقا ئەرزدارلارنى تەشكىللەپ، ب د ت نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.
بۇ يىل 7-ئايدا ئۇ داليەندە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈچ تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە بۇ يەردە 38 كۈن قاماپ قويۇلغان. ساقچىلار ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كېيىن ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى د ئۇ ق نىڭ ئادىمى، دېگەن گۇمان بىلەن سولاپ قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. نۇرگۈل خانىم يېقىندا يەنە بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار پائالىيەت مەركىزى ئۈچۈن يەر سېتىۋالدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2008-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا يەر سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۇنىۋېرسال پائالىيەت مەركىزى قۇرۇش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەت مەركىزى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ غايىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان زور قەدەم بېسىلدى. 20-دېكابىر رابىيە قادىر خانىم قانۇنى رەسمىيەتلەرگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتى تەۋەسىدىكى ۋاشىنگتون شەھىرىگە يېقىن بىر جايدىن 109 مو يەرنى رەسمىي سېتىۋالغان.
د ئۇ ق ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى ئۈچۈن رەسمىي زېمىنغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
570 مىڭ دوللارغا سېتىۋېلىنغان بۇ زېمىنغا مەسچىت، پائالىيەت مەركىزى ، ياتاقخانا، سىنىپ، كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە، ئىستىراھەتخانا قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پائالىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى پىلان قىلىنغان.
قەشقەردىكى نەچچە يىللىق مەدەنىي مىراس-مەنسۇرخان زەرەتلىرى خانىقاسى كۆيدۈرۈۋېتىلدى
قەشقەردىكى نەچچە يۈز يىل يىللىق تارىخىي ماكان-مەنسۇرخان ھەزرەتلىرى خانىقاسى تۆت ئەتراپتىن ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. مەزكۇر خانىقانىڭ بۇ يىل 1-دېكابىر كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنى توسۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە يول قويمىغان. ئوت كۆيۈپ 24 سائەت بولغاندا ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ سۇ چېچىشىغا رۇخسەت قىلغان.
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى خانىقانىڭ قېلىپ قالغان خام كېسەكلىك تاملىرىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈپ ئۆرۈپ تاشلىغان. خانىقانىڭ ياغاچ تاشلىرىنى بولسا تارىخىي ئەسەرلەر سۈپىتىدە ساقلايمىز، دەپ ئېلىپ كەتكەن.
خانىقانىڭ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ۋارىسلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ، مەزكۇر خانىقانى قايتۇرۇپ ئېلىشقا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋەقە دەرھال بەزى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
«دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق بىر تور بېتىدە «قەشقەرنىڭ يەنە بىر مەرۋايىتى يوق بولدى» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەنقىد قىلىنغان.
قەشقەردىكى مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش قېلىش ئۈچۈن ئۇنەسچو قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلات ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دىياس سېيىت ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كاراتې مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ
تەنھەرىكەت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە نەتىجە قازانغان تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاستانا شەھىرىدە ياشايدىغان 8 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر دىياس سېيىت، يېقىندا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ كاراتې مۇسابىقىسىدە يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، كېلەر يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر كاراتې مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
ئالماتادا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 8 ياشلاردىكى ئۇيغۇر كاراتې ماھىرى يېقىندا خەلقئارا كاراتې مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. تەكلىپنامىگە خەلقئارا كاراتې تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتلىرى، ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى ستىۋېن سىگال ۋە ياپونىيىلىك چېمپىيون خۇسۇيا رۇيۇما قاتارلىق كىشىلەر ئىمزا قويغان.
دىياس سېيىت 6 يېشىدا ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كاراتې مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، قازاقىستان دۆلەتلىك مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى.
دىياسنىڭ ئاتا -ئانىسى قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار دىياسنى كېچىكىدىنلا تەن ھەرىكەتنىڭ ئېلىشىش تۈرىدە چېنىقتۇرغان.
تېررور گۇماندارى راشىددىن مۇھەممەتكە 11 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى
19-دېكابىر نورۋېگىيىدە ئېچىلغان سوتتا تەپتىش ئەمەلدارى تېررور گۇماندارلىرىدىن مايكېل داۋۇتقا 11 يىللىق، ئۇنىڭ قالغان ئىككى ھەمراسىغا ئايرىم-ئايرىم 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
تەپتىش ئەمەلدارى گەئىر ئەۋاڭەر مايكېل داۋۇتنى «نورۋېگىيىگە خەلقئارا تېررورلۇقنى ئىمپورت قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەسلى ئىسمى راشىددىن مۇھەممەت بولغان نورۋېگىيىلىك ئۇيغۇرلاردىن مايكېل داۋۇت، 2010-يىلى دانىيىدىكى بىر گېزىتخانىغا قارشى تۈزۈلگەن تېررورلۇق پىلانىنىڭ يېتەكچىسى، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.
بىراق ئۇ، گېزىتخانىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقىنى رەت قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتىلتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ پىكرىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق سوتتا قاراپ چىقىدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ھۆكۈمنىڭ كېلەر يىلنىڭ باشلىرى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.