2011.12.20
رابىيە قادىر خانىم ئۆز تەزىيەنامىسىدە ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋاسلاۋ خاۋېل 70-يىللاردىكى شەرقىي ياۋروپادا قوزغالغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى. ئۇ شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈشىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى شەخس دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كوممۇنىزمغا قارشى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 70-يىللاردا 5 يىل تۈرمىدە ياتقان.
ۋاسلاۋ خاۋېل 1993-يىلدىن 2002-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى كىتابلىرى،خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن.
نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ خىتايدىكى تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-دېكابىر ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بېيجىڭدىكى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچى زىيالىيلارنىڭ بېيجىڭدىكى چېخ ئەلچىخانىسىغا گۈل چەمبىرەك ھەم تەزىيە نۇتۇقلىرى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قايغۇسىنى بىلدۈرۈشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.