2011.12.18
ۋاسلاۋ خاۋېل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى 70 – يىللىرىدا يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شەرقىي ياۋروپانىڭ دېموكراتىيىلىشىش ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ھەمدە 1977 يىلى، مەشھۇر «77 خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈرمىگە سولانغان. 1989 – يىلى، چېخسلوۋاكىيە پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن چەخىسلوۋاكىيە خەلقىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇ دۆلەتنى سلوۋاكىيە ۋە چېخىيە دەپ ئىككىگە ئايرىغان ئىدى. ۋاسلاۋ خاۋېل 1993 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە مۇستەقىل چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان.
خاۋېل ئەپەندى پۈتۈن ھاياتى بويىچە دېموكراتىك تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە كۈرەش قىلغان شەخس بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خىتاينى بۇ مەسىلىلەردە تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە تىبەت، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنىمۇ قوللاش پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرغان شەخس بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بىلەنمۇ بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان قوللاش مەيدانىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.