2011.12.09

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلىۋاتقان ئۆمەر قانات ئەپەندى قۇرۇلتاينى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نەق مەيداندىن دۇنياغا تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
رابىيە قادىر خانىم رادىكال پارتىيىسىنىڭ 39 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا 385 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى، ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. رابىيە خانىمدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىتاليىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمنى ئۆز دۆلەتلىرىگە تەكلىپ قىلغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇرۇن قۇرۇلتاي جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، رادىكال پارتىيىسىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بەزى لايىھىلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ئىتالىيە زىيارىتى جەريانىدا قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىن باشقا، بەزى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىكەن.