2011.12.09
رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە «ترانسىت رادىكال» پارتىيىسىنىڭ 39-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان «ترانىست رادىكال» پارتىيىسىنىڭ 39-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا. قۇرۇلتايغا 45 دۆلەتتىن 385 ۋەكىل كەلگەن.
قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سانتئاگاتا ئەپەندى سۆزلىگەن. ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. «ترانىست رادىكال» پارتىيىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رابىيە قادىر خانىمغا يىغىن باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ قاتارىدا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ رادىكال پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى جەريانىدا ئىتالىيىدە بىر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى يىغىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 7 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «ئەكسىيەتچىل» مەزمۇندىكى سىنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە DVD پلاستىنكىلىرىنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتىدە 7 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تېما قىلىنغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ DVD پلاستىنكىسى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي ئەركىنلىك مارشى ۋە بەزى دىنىي تېمىدىكى سىنئالغۇ لېنتىلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بايقالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.
غۇلجىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى DVD ۋە سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلدى.
قەشقەر دۆلەتباغدا خىتاي پۇقرالىرىغا قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قەشقەر شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ دەلىللىشىچە، ھۇجۇم مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى شەنبە كۈنى سائەت 11 دە يۈز بەرگەن.
قەشقەر دۆلەتباغدا يۈز بەرگەن قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى زەخىملەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە سادىر قىلغۇچى ۋە زەخىملەنگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە شۇنداقلا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى 5 كۈندىن بېرى ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتماقتا. ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە ھۇجۇم قىلغۇچى، يوپۇرغىلىق 40 ياشلىق بىر ئۇيغۇر، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى بىر خىتاي پۇقراسى.
قەشقەردە بۇ يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش كوچىدا كېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئالتە خىتاينى يارىلاندۇرغان.
بۇ يىل 30، 31-ئىيۇل كۈنلىرى يەنە قەشقەر يېڭىبازار ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئون نەچچە خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن، 50 دىن ئارتۇق خىتاي يارىدار بولغان ئىدى.
ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-دېكابىر بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا خىتايدىكى ئادۋوكاتلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بريۇسسېلدىكى مەسئۇلى باربارا خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان.
باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى شارون ھوم خانىم ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، قوش تىللىق مائارىپ ھەم ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھەر يىلى 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.
نۇرۇل ئىسلامنىڭ خىتاي تۈرمىسى ھەققىدە بىر پارچە مەخپىي خەت قالدۇرغانلىقى مەلۇم
خىتاي تۈرمىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈش ئالدىدا بىر مەخپىي خەت قالدۇرغان.
شەربازخاننىڭ خەت ھەققىدە دەپ بەرگەنلىرىگە قارىغاندا، نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈش ئالدىدا قالدۇرۇپ كەتكەن مەخپىي خېتىدە، ئىككى يېرىم يىلغا يېقىن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىش جەريانىدا ھەر خىل قېيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە تۈرمىدە ھېيت نامىزى ئوقۇشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق تاياققا بېسىلغانلىقىنى خاتىرىلىگەن ئىكەن.
شەربازخاننىڭ ئوغلى نۇرۇل ئىسلام 2009-يىلى 27-ئىيۇل «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 2010-يىلى 4-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۇرۇل ئىسلامنىڭ بۇ يىل 13-نويابىر خىتاي تۈرمىسە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئالماتادىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ كۈرەش كۈسەننى خاتىرىلىدى
يېقىندا ئالماتادا ئاتاقلىق مۇزىكانت كۈرەش كۈسەن ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ناخشا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى تەشكىللىگەن. بۇ كېچىلىكتە مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر خىسلەتلىرى خاتىرىلەندى.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن 2006-يىلى 10 -ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇ قىسقا، ئەمما مەنىلىك ھاياتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
كۈرەش كۈسەن ھايات ۋاقتىدا «ئاتلاندۇق»، «رابىيە قادىر» «شېھىتلەر ئۆلمەس»، «سالام دەڭلا ۋەتەنگە» قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرى بىلەن نۇرغۇن دىللارنى لەرزىگە سالغان ئىدى.
بېيجىڭدا 9 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار 3 نەپەر يارىدار سەپدىشىنى يۈدۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەن
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 60 تىن ئارتۇق خىتاي ئەرزدار بىلەن 12 ئۇيغۇر ئەرزدار خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.
دەرۋازا ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار ئەرزدارلارنىڭ قورۇغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئەرزدارلار قورۇنىڭ ئىچىگە ئېتىلىپ كىرگەن. قورۇدىكى 20 دىن ئارتۇق ساقچى 3 ئۇيغۇر ئەرزدارنى ئىشخانىسىغا سۆرەپ كىرىپ قاتتىق ئۇرغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندۇرغان.
ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قاماپ قويۇلغان. بۇ جايدا ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ساقلىرى يارىدارلارنى دۈمبىسىدە يۈدۈپ قاماقخانىدىن قېچىپ كەتكەن.
شۇ كۈنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەن ئەرزدارلاردىن بىرى يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئوداملىق يېزىسىدىن كەلگەن ياسىن سادىقتۇر.
باي ناھىيىسىدە دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى بويىچە كىيىنگەن ئاياللار ئېغىر كەمسىتىش ۋە جازاغا ئۇچرىماقتا
باي ناھىيىسىدە ئىككى خىل كىيىم پاسونى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، مودا كىيىنگەنلەر «زامانغا لايىق مەدەنىي كىيىنگەنلەر» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ، دىنىي يوسۇندا كىيىنگەنلەر «غەيرىي كىيىنگەنلەر» دەپ مەسخىرە قىلىنغان.
مەزكۇر «مودا كىيىم كۆرگەزمىسى» ھەققىدە سايرام بازىرى قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، ئاياللارنىڭ رومال ئارتىشقا ئوخشاش دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە قارشى تۇرۇشنىڭمۇ بۇ قېتىمقى يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق كىيىنگەن ئاياللار بايقالغان ھامان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ، رومىلى ئېلىۋېتىلگەندىن باشقا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدە «مودا كىيىم كۆرگەزمىسى» ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر تېما نەچچە كۈندىن بۇيان ئاۋات تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، رادىئومىز بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن توسۇۋېتىلدى.