رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئىتالىيىدىكى سىياسىي پارتىيە گۇرۇھلار بىلەن «ئىتالىيىدە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى نىشانلاپ پايتەخت ۋاشىنگتوندىن ئىتالىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.12.06

rabiye-jenwe-bdt-soz-qilmaqta-305.jpgرابىيە قادىر خانىم ب د ت چاقىرغان 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. 2011-يىلى نويابىر، شۋېتسارىيە.

يېڭىلا جەنۋە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئىتالىيىدىكى سىياسىي پارتىيە گۇرۇھلار، بولۇپمۇ ئىتالىيە رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 6-دېكابىر كۈنى كەچتە، پايتەخت ۋاشىنگتوندىن ئىتالىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئىتالىيە رادىكاللار پارتىيىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرىش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتا نۇرغۇن رول ئويناپ كېلىۋاتقان، غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۈچلۈك قوللاۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىنىپ كەلمەكتە.

رابىيە قادىر خانىم سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسەت ۋە نىشانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.