مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.12.05
2011.12.05
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە.يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ب د ت قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ تەلىپى يىغىندا تالاش-تارتىش قوزغىغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىن د ئۇ ق ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جەنۋەدىكى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن جەنۋەدىكى پائالىيەت ۋە ب د ت يىغىنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.