2011.12.02

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن 30-نويابىر چۈشتىن كىيىن سائەت 1 دىن 3 قىچە جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىندا دۇنيادىكى بىر قىسىم مەشھۇر ئايال پائالىيەتچىلەر سۆز قىلدى. رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

رابىيە خانىمنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان دىپلوماتلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە سوئال-جاۋابلار بولۇندى.

ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كەسكىن تالاش-تارتىش تېمىسى بولدى

30-نويابىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىنىڭ 2-كۈنىدىكى ئومۇمى يىغىندا د ئۇ ق ۋەكىلى ئالىم سېيىتوف د ئۇ ق نامىدىن سۆز قىلدى.

ئۇ بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىلىرى ۋە 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى… ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئالىم سېيىتوفنىڭ سۆزى باشلىنىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ۋەكىلىنى كۇبا ۋە پاكىستان ۋەكىللىرى قوللىدى. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى د ئۇ ق ۋەكىلىنى قوللىدى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇنداق قىلىپ يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىش-قىلماسلىقى مەسىلىسى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە بولدى. ئاخىرىدا يىغىن رەئىسى د ئۇ ق ۋەكىلىگە سۆزىنى داۋام قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قايتا سۆزگە تەكلىپ قىلدى. خىتاي ۋەكىلى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

شەربازخان: ئوغلۇم خىتاي تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى

2009-يىلى ئىيۇلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان نۇرۇل ئىسلام شەرباز تۈرمىدىكى ھەرخىل قېيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇھىت تۈپەيلى قازا قىلغان.

نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ ئانىسى ئۇيغۇر، دادىسى پاكىستانلىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان.

2009-يىلى «5-ئىيۇل نامايىشى» قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلغان ۋە جازاغا تارتقان ئىدى.

نۇرۇل ئىسلاممۇ شۇ يىلى 27-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان ۋە 2010-يىلى 13-ئاپرېل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «قاتىللىققا ئۇرۇنۇش، قالايمىقانچىلىققا كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرۇل ئىسلام بۇ يىل 13-نويابىر تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پويىزدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي يولۇچىلار بىلەن جېدەللىشىش نەتىجىسىدە ھېيت نامىزىنى ۋاگوندا ئوقۇيالىغان

ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاراپ ماڭغان بىر يولۇچىلار پويىزىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزىنى پويىزدا ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار يىغىلىپ ناماز ئوقۇشقا تۇتۇنغاندا، ئۇيغۇرلار ناماز ئوقۇماقچى بولغان ۋاگوندىكى خىتاي يولۇچىلار ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنى رەت قىلغان.

رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەنە شۇ ۋاگوندىكى بىر ئۇيغۇر يولۇچى خېنەندىن قەشقەرگە ئىشلەمچىلىككە ماڭغان بۇ خىتايلارنىڭ باشلىقى بىلەن سۆزلەشكەن ۋە ئۇنىڭدىن ۋاگوننى ۋاقىتلىق بوشىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن.

ئەمما، بۇ خىتاي يولۇچىمۇ ئۇيغۇر يولۇچىنىڭ تەلەپلىرىنى زاڭلىق قىلىپ، رەت قىلغان. بۇ خىتاي يولۇچىنىڭمۇ ئۆزىنى مەنسىتمىگەنلىكىدىن دەرغەزەپ بولغان ئۇيغۇر يولۇچى ھېلىقى خىتاي يولۇچىنىڭ بىقىنىغا بىرنى تەپكەندىن كېيىن، خىتاي يولۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋە ۋاگوننى بوشىتىپ بەرگەن.

ئارىلىقتا پويىزنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى ئورۇنلۇق، دەپ قاراپ ئۇيغۇرلارغا يول قويغان. بۇ يولۇچىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغان.

ئاچچىقسۇدىكى زەھەرنىڭ مەنبەسى شەندۇڭ، زەھەرنى خوتەنگە يوللىغۇچى جاڭ دېيۈەن

بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە گۇمىدا 12 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدىكى زەھەرنىڭ شەندۇڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم.

مۇخبىرىمىز ئۆتكەن ھەپتە، زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ئىشلەتكەن لەڭپۇڭچى ۋە زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ساتقان يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغان.

زىيارەت داۋامىدا، زەھەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئاچچىقسۇنىڭ ئىشلىنىشىدە ئەمەس، ئاچچىقسۇ قاچىلانغان باكتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىز يېمەك-ئىچمەك شىركىتىگە مەزكۇر زەھەرلىك باكنى ساتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى سودىگىرى روزى توختىنى زىيارەت قىلدى.

روزى توختى مەزكۇر زەھەرلىك باكنىڭ شەندۇڭدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، باكنى تەمىنلىگۈچىنىڭ، جاڭ دېيۈەن ئىسىملىك بىر خىتاي تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما، جاڭ دېيۈەننىڭ زەھەرلىك باكنى خوتەنگە يوللىشى ئاددىيلا بىر دىققەتسىزلىكتىنمۇ ۋە ياكى بەزى كىشىلەر ئەندىشە قىلغاندەك، مىللىي ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىققان بىر سۇيىقەستمۇ؟ بۇ ھازىرچە نامەلۇم.

ياۋروپا-ئاسىيا شائىرلىرى ئۇچرىشىشى ئامىستېردامدا

2011-يىلى 26-نويابىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى بىر زالدا ياۋرو-ئاسىيا شائىرلىرى ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ئۇچرىشىشنى «تۈرك ئۆيى» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، كوسوۋو، گرېتسىيە، سىپرۇس، گېرمانىيە، ئىراق، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەت، رايونلاردىن كەلگەن شائىرلار قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان گوللاندىيىدىكى ئەخمەتجان قەشقىرى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئىنقىلابى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇردى ۋە شائىرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى تۈركچە ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى يېزىپ كەلگەن «ئۇيغۇرنىڭمۇ ھەققى بار سەندە» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى. 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان بۇ پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 يېرىمدە باشلىنىپ 10 دا ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىمۇ خەتەرلىك رىقابەتكە دۇچ كەلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 60 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

ھازىر ئەيدىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق شەھەر-ۋىلايەت، ناھىيە-يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە بايقالغان. ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن تارقىلىشى يەنىلا جىددىي بولۇپ، 2010-يىلىغا قارىغاندا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى38.9%ئۆرلىگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.

گوللاندىيىدىكى دىنىي زىيالىي ھۈسەنجان نۆۋەتتىكى ئەيدىز تەھدىتى ھەققىدە توختىلىپ: ‏ئەيدىز ئىنسانلار تەۋبە قىلغاندا يوقىلىدۇ، دېدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىنكاسلار

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق تور بېكەتلىرىنى تاقاپ، ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى يەنىلا 200 دىن ئاشقان.

«ئوكيان» تور بېكىتى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ ئىچىدە، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولغان تور بېكىتى بولۇپ قالغان.

بۇ تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، بۇ تورلاردا كومپيۇتېر مۇلازىمىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردىكى ماقالە-مۇنازىرىلەر ئېلان قىلىنىدىكەن.