2011.12.01
كانادا پارلامېنتىنىڭ تور سەھىپىسىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارلامېنت ئەزاسى مارىيا مورانى پارلامېنتتىكى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىنى قوغداش يولىدىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقارماقتا، ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىنى خالىغانچە پېچەتلىمەكتە. كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەي، ھېچقانداق قانۇنى ياردەمگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە.
مارىيا مورانى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گەرچە كانادا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باش مىنىستىرنىڭ ھېچقانداق بىر ئەمەلىي ئىش قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللىشى ۋە بۇنىڭدەك قوبۇل قىلغۇسىز بىر قىلمىشنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيىبلىشى كېرەك» دېگەن.
كانادا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىمۇ كانادا كۆپ قېتىم خىتاي بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. كانادا دائىرىلىرى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.