بۈگۈن يەنى 12-نويابىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «جۇمھۇرىيەت كۈنى» خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا ۋە بەزى دۆلەتلەردە «جۇمھۇرىيەت كۈنى» تەبرىكلەنمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.11.12

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا. بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى شەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلمەكچى ۋە پائالىيەتكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتناشماقچى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدىمۇ بىر قەدەر چوڭ شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇيغۇر يېقىنى زامان تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچقان ئىدى.