2011.11.11
رابىيە قادىر خانىم «دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى
دۈشەنبە كۈنى نورۋېگىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 9-نويابىر دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دېموكراتىك ئەللەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەركىنلىك كۈرىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توسمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا، رايوندا ئېغىر قان تۆكۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ يەنە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلىدى
بۇ يىل 6-نويابىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلىدى.
ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتى ۋە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ھېيت نامىزىنى تۈرك جامائىتى بىلەن بىرگە ئوقۇدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە قۇتلۇقلىدى. تورونتودىكى ئۇيغۇرلار ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
ھالبۇكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق ھېيتنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن بىر كۈن كېيىن خاتىرىلىگەنلىكى مەلۇم.
ئۈرۈمچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىغا قاتناشقانلار يىللاردىكىدىن ئالاھىدە كۆپ بولغان
ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىغا قاتناشقانلار سانى يىللاردىكىدىن ئالاھىدە كۆپ بولغان.
مەسچىتلەرگە پاتمىغان جامائەت مەسچىت ئالدىدىكى سەينادا ھەتتا چوڭ يوللاردا ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان.
ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا 1-يول، 10-يول قاتارلىق يوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەن، «نوغاي» مەسچىتى ئالدىدا قاتناش توختىتىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئالىي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ دىنىي ئېتىقاد كۈچىيىشكە باشلىغان.
قاراماي 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قارىماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن، مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئارىدىن 3 ھەپتە ئۆتكەندە ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تاياق-توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نازاكەت ئىلغار، ئاينىگار ئابلەت ۋە نۇرسىرە ئالىمجان قاتارلىق قىزلار ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.
13-ئۆكتەبىر قاراماي 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىدە خىتاي تەرەپتىن پەقەت ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارلا تاياق يېگەن. ئۇيغۇرلاردىن بولسا ئوغۇللار ھەم قىزلار، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ تاياق يېگەن.
ۋەقە جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى ئاجراتقان، ئەمما خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئارىلاشمىغان. ھەتتا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار، ساقچىلار تەكشۈرۈشكە كەلگەندە زوراۋانلىق قىلغان.
13-ئۆكتەبىر قاراماي 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، 14-ئۆكتەبىر يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپكە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. 17-ئۆكتەبىر 100دىن ئارتۇق ئاتا-ئانا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلانغان.
بۇ چاغدا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دەرس تاشلاپ ئاتا-ئانىلار سېپىگە قوشۇلغان. بۇلار بىرلىكتە ۋەقە پەيدا قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا چارە كۆرۈشنى ۋە خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەكتىپىنى ئايرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىماي 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋەقەسىنى ھەل قىلىشنى كەينىگە سوزۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئۇيغۇر سەنئەت پېشۋاسى ھۈسەنجان جامى ئاكا ئالەمدىن ئۆتتى
ئۇيغۇر خەلقى يەنە بىر سەنئەت پېشۋاسىنى «ئەلۋىدا» دەپ ئۇزاتتى.
ھاياتىنى ساز ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكا پېشۋالىرىدىن، تەۋەررۈك تەمبۈرچى ئۇستاز، كومپوزىتور ھۈسەنجان جامى ئاكا 2011 يىلى 8-نويابىر، قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 6دە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر قاتناشتى. مەرھۇم چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە خەيرلىك دۇئالار بىلەن «گۇلساي» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
ھۈسەنجان جامى، ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدا ۋە خەلقنىڭ قەلب تۆرىدە مەڭگۈ ئۆچمەس يۇلتۇز بولۇپ قالغۇسى.