2011.11.04

بۇ يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كېلەچىكى شۇنداقلا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەردىن ئىبارەت بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 25 يىل جەريانىدا رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدا ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا دوكلات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن رافتو مۇكاپاتىنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رافتو جەمئىيىتى ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىگە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاچاندىن باشلاپ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 62 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانداق دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا پۈتۈن رافتو جەمئىيىتى، بۇ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىلىرىنى بىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا، ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن سىرت، باشقا دۆلەتتىكى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۆز-ئارا قولنى-قولغا تۇتۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
سەمەت ئابلا ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدىكى مەزمۇنلارنى بايان قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق شارائىتىدا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى كوزىر قىلىپ خەلقئارانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىققا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئىران،سۈرىيە ۋە شىمالىي كورىيىگە ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرگە ئۆز خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى ۋە قورال جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش دىكتاتورلارنى يۆلەۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى، دۇنيا ئەھلىنىڭ خىتاينىڭ بۇ يولسىزلىقىغا باش ئەگمەسلىكىنى، خىتايدەك بۇ دىكتاتورغا قارشى بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، مانا شۇنداق قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەققانىيەتنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىقى، دىكتاتورىلىقى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىم دوكلات بېرىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى فىلىم قويۇلۇپ تۇرۇلدى. بۇ فىلىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە بىر تولۇقلىما بولغان بولۇپ، دوكلات بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە ھۆرمەت ئالقىشلىرىنى ياڭراتتى.
دوكلات بېرىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن كەچ سائەت تۆتكىچە داۋاملاشقان بولۇپ، كەچتە مېھمانلار بېرگىن شەھەر باشلىقى تەرىپىدىن ئالاھىدە ھازىرلانغان كەچكى زىياپەتكە قاتناشتى، بۇ زىياپەت پادىشاھ ھوكۇن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.