مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.11.04

رابىيە قادىر خانىم خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن نورۋېگىيىگە يېتىپ كەلدى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 31-ئۆكتەبىر ئەتىگەن نورۋېگىيىنىڭ بېرگىن شەھىرىگە يىتىپ كېلىپ پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

«رافتو» كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر رابىيە خانىمنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى.

رابىيە قادىر خانىم 1-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن نورۋېگىيە «رافتو» فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «نېلۇپەر گۈلى» پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتكە 15 دۆلەتتىن كەلگەن «رافتو» كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، بېرگىن شەھەر باشلىقى، «رافتو» جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، بىر قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بېرگىن شەھىرىدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە نورۋېگىيە چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات ئېلىش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرى، يېقىندا خوتەندە ۋە قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا يېڭىدىن قارىتىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆھبەت ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ياۋروپا زىيارىتى كۈچلۈك قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا زىيارىتى كۈچلۈك قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى. خۇ جىنتاۋ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەلگەن ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

31-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، فالۇنگوڭچىلار بىرلىكتە ئاۋسترىيىنىڭ ۋېنا قاتارلىق شەھەرلىرىدە خۇ جىنتاۋغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى.

بۇ خىلدىكى نامايىش خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ فرانسىيىگە كەلگەندىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تىبەتلەر، ۋيېتناملىقلار، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ۋە فرانسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئەلىشىر ناۋايى دىۋانلىرىنى نەشرگە تەييارلىماقتا

1-نويابىرىدىن 3-نويابىرغىچە، ئۈرۈمچىدە ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى ۋە يىغىن ئاخىرىدا ناۋايى دىۋانلىرىنى توپلاپ نەشر قىلىش ماقۇللاندى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن نەۋايىشۇناسلار، ئەدىب ۋە ئالىملار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشىنىڭ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: ناۋايىنىڭ «چاھار دىۋان» نى تولۇق نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ تەستىقلانغانلىقى يىغىننىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى، دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن

خىتاي شەنبە كۈنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىدى. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇن خىتايدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى چوڭايتىۋېتىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى ئاسىيا ئىشلار بۆلۈمى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن ساقچىلارغا نېمىنىڭ «تېررورلۇق» شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىزاھلايدىغان ھوقۇقنى تېخىمۇ كەڭ بېرىدۇ.

بۇنىڭ ئۆزىلا ھەقىقەتەن شۈبھىلىك. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ خىتايدىكى مەۋجۇت مەسىلەرنى ھەل قىلىش ياكى كىچىكلىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىي شاجەفىسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «تېررورلۇق» تەھدىتنى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدۇ، دەپ قارايدىغان بولغاچقا، مەزكۇر قانۇن يەنىلا ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

غۇلجىدا يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەش ھەققىدە ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى شۇ جاينىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئېلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى تەۋەسىدە 6 بال يەر تەۋرىگەن.

يەر تەۋرەشتە، 143 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئەمما رايوندا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈنمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خۇدىياريۈزى يېزىسىدىكى بىر يېزا كادىرى بۇ يېزىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارغا ياردەم تەدبىرلىرىنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پەيشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى يەنى خىتاي توغرىسىدىكى 4‏-قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

پەيشەنبە كۈنكى يىغىنغا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېللىنا روس-لېتېنانت خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنى ئۆزىنىڭ ئانا ماكانىدىن تارقاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

يىغىندا يەنە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-«دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جون كەم گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

پەرھات ئەپەندى: دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، مۇستەقىللىق دېگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش–پەرھات ئەپەندى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى روتتىر ئەپەندى بىلەن تاسادىپىي كۆرۈشۈپ قالغان ۋە سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيىلىرى ۋە ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ھەققىدە يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتقان.

قىسقىغىنا داۋام قىلغان بۇ سۆھبەتتە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى روتتىر ئەپەندىنىڭ كىبىرسىز مۇئامىلىسى ۋە دوستانە مېھرىبانلىقىغا مۇيەسسەر بولغان پەرھات ئەپەندى، كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن خىتايلار يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پارتىيىلىك دىكتاتور تۈزۈمنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىلىرىنى ھېس قىلغان.

پەرھات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە: دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، مۇستەقىللىق دېگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، دېدى.