2011.11.01

ئۇلار رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالدىنقى يىلى نورۋېگىيىگە كەلگەندە ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.
مەسئۇل خادىملار ئاخىرقى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن يېڭى ئىشلار ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن يېڭى ۋەقەلەر ھەققىدە سورىغاندا، رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 30 نەچچە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ يەتتە قېتىملىق سوت ئارقىلىق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارغا ھېچقانداق ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى، بۇلارلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ بىگۇناھ قولغا ئېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. يېقىندا خوتەندە ۋە قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يېڭىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى، كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، رابىيە قادىر خانىم كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭمۇ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تېخىمۇ يامان بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە پاكىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى كاپالەتكە ئىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن كامبودژا، ۋيېتنام، تايلاند ھەتتا مالايشىيالارغا قېچىپ چىقىش يولىنى تاللىغانلىقىنى، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، دېمەك ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايغا چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرگە قېچىپ سىياسىي پاناھلىق سوراش پۇرسىتىنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنى، شۇ تۈپەيلىدىن پەقەت بىردىن-بىر غەرب دۆلەتلىرىدىلا پاناھلىققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى شۇنداقلا نورۋېگىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ياخشى پاناھلىق بېرىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى، ئاندىن بۇ يەرگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مەلۇم بىر سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى باشقا بىر سەۋەب بىلەن چىقسۇن، ئەگەر پاناھلىقى قوبۇل قوبۇل بولماي خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ چوقۇم جازالىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلماسلىقىنى ئىلتىماس قىلدى.
كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى رابىيە قادىر خانىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش مەسىلىسىنى سورىغاندا، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئىشىنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى،غۇلجا، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە خىتاي نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولغانلىقتىن، بۇ يەردە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن پاسپورت ئېلىشقا ئىنتايىن زور دەرىجىدە قۇلايلىق يارىتىلغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ پۇل خەجلەش ئارقىلىق بۇ ئەۋزەل پۇرسەتتىن ئانچە-مۇنچە پايدىلىنالايدىغانلىقىنى، لېكىن جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، يەركەن، ئاقسۇ،كۇچا قاتارلىق جايلاردا پاسپورت ئېلىشنىڭ مۇتلەق مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ياش بالىلار ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ چىداپ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ياكى مال مۈلكى ۋە ئۆي-جايلىرىنى سېتىپ پەرزەنتلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىشىنىڭ سەۋەبى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلاشقانلىقىنى، ئۇ يەردىكى قاتتىق زەربە بېرىش، باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئانا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە كېلەچىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەسئۇل خادىملار بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا رابىيە قادىر خانىم ئۇ يەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن باشقا رابىيە قادىر خانىم ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سىياسىي بېسىم، چەتكە قېقىلىش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇ يەردە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، مال-مۈلكىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى، ئاددىي يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۈرلۈك بەھرىمانلىقلارغا ئېرىشىش جەھەتتە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك پۇقرالىرىغا ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىشىنىڭ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ تەسلىكى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى، مۇشۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاجسىز ئۆزىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، بۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، شۇ تۈپەيلىدىن بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلماسلىقى قاتارلىقلارنى ئىلتىماس قىلدى.
دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ئەركىنلىك ھەققىدە سورالغاندا، رابىيە قادىر خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنىڭ مۇتلەق چەكلەنگەنلىكىنى، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى تامامەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ھېقىقى دىنىي بىلىم ئىگىلىگەن دىنىي زاتلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىدىغانلىقىنى، پەقەت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ۋە تەلىپىگە كۆنگەن، سېتىلغان ئادەملەرنىڭ مەسچىتلەرگە قويۇلغانلىقىنى، ئومۇمەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئامالىنىڭ بارىچە دىنسىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلەش ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى دىننى چەكلەش بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىرىپ ئۇلارنى مەقسەتلىك ھالدا ئۇ جايلاردىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جامائەت ئارىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا رادىكال پىكىر ئېقىمىنى تارقىتىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر جەھەتتىن تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەرگە بۆلۈۋېتىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى رادىكال پىكىرلەرگە باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا رادىكال مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك سېتىۋېلىپ، غەرب دۆلەتلىرىدە پاناھلىق تىلەتكۇزۇدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ ئەكىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۇلار قايتىپ كەتسە ھېچقانداق جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش سەۋەبلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قېلىش ئىشىنىڭ تەسلىشىۋاتقانلىقىنى، نورۋېگىيىنىڭمۇ بۇنداق بىر ئىشقا يولۇققاندا سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.