بۈگۈن ئەتىگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن نورۋېگىيىنىڭ بەرگىن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2011.10.31

norwegiye-rabiye-ziyaret2-305.jpgنورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتى ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە فىلىم ئىشلىمەكچى بولغان نورۋېگىيىلىكلەر رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2011-يىلى 31-ئۆكتەبىر.

رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بەرگىن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇكېرىم يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە فىلىم ئىشلىمەكچى بولغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئايرودرومغا چىقىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

norwegiye-rabiye-ziyaret1-385.jpg
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن نورۋېگىيىنىڭ بەرگىن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى. 2011-يىلى 31-ئۆكتەبىر.
RFA/Aygul Yusup

 

رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئارنە ليڭائارد ئەپەندى مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىل رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 25 يىل بولدى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق، بۇلار جەمئىي 15 دۆلەتتىن كەلدى. بىز بۇ پائالىيەتنى بىر ھەپتە ئېلىپ بارماقچى. بىزنىڭ بىر ھەپتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن قىممەتلىك مېھمانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈش، ئۇلارنى ئۆز ‏-ئارا تونۇشتۇرۇش، ئۆز ‏- ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، قانداق قىلىپ يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىغا ئائىت ئىستراتېگىيىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەم شۇنداقلا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 25 يىللىق خىزمەت تارىخى جەريانىنى مېھمانلارغا سۆزلەپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت.»

norwegiye-rabiye-ziyaret3-385.jpg
نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتى ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە فىلىم ئىشلىمەكچى بولغان نورۋېگىيىلىكلەر رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2011-يىلى 31-ئۆكتەبىر.
RFA/Aygul Yusup

 

ئارنە ليڭائارد ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىم رابىيە قادىر بىزنىڭ ئالاھىدە شەرەپ مېھمىنىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ھەر قاچان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى دەپ ھېسابلايمىز، شۇ سەۋەبتىن بىز رابىيە قادىر خانىمغا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بەرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قولىمىزدىن كەلگەن ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ كەلدۇق. رابىيە قادىر خانىم بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇمات يەتكۈزىدۇ.»

نورۋېگىيە رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە پائالىيىتى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەمەت توختى ۋە سەمەت ئابلا ئەپەندىلەر رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.