2011.10.24

ئەركىنلىك يۈرۈشىنىڭ بۇ قېتىملىقى مەركىزى ئىتالىيىدىكى ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كۆپ جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ئۈچ دۆلەتتىكى پائالىيەتكە ئورتاقلاشتى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پائالىيەتنىڭ ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا ئېلىپ بېرىلگەن قىسمىغا ئىشتىراك قىلدى. ئىتالىيە سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ يېڭىلا ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم، ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ قېتىم ئىتالىيىگە قاراتقان سەپىرىم گەرچە بىر كۈنلۈك بولغان بولسىمۇ بىراق ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور دەپ قارايمەن» دېدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈنى ھەققىدە مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.