مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.10.21

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىگە يۈرۈپ كەتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك يۈرۈشى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.

رىم، پارىژ ۋە بېرلىن شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر يۈرۈش شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلىنىدىكەن.

مەزكۇر ھەرىكەتنى مەركىزى ئىتالىيىدىكى «ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن. تىنچلىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ يۈرۈشكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە بېرمىلىق، ئىرانلىق، ۋيېتناملىق تىبەت، دېموكرات خىتايلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە تەيۋەنلىكلەر قاتنىشىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم «چۈمۈلىنىڭ يولى»

يېقىندا گېرمانىيىنىڭ دورتمۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە «چۈمۈلىنىڭ يولى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن.

مەزكۇر فىلىمنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىمدە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن.

بۇ فىلىمدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قەلب ئىزھارى ياكى پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.

فىلىم ئىشلىگۈچى گۇيدو رامبېك فىلىمنىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاراماي 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

ئۆتكەن ھەپتە قاراماي شەھەرلىك 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يارىلانغان.

توقۇنۇشقا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جېدەل سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن جېدەلنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، قانچىلىك ئادەم يارىلانغانلىقى ۋە يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلاتلار تېخى قاراڭغۇ.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر 2‏-ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى «ئادەتتىكى ماجىرا» دەپ بېكىتىپ، ۋەقەنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار سەزگۈر تەرىپىنى يېپىشقا تىرىشقان.

ئادانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئادانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى سەنئەت فېستىۋالى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. فېستىۋال 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملاشتى.

بۇ فېستىۋالغا قازاقىستان، بۇلغارىيە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئالتاي، باشقۇرتىستان رايونلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى شۇنداقلا ئەزەربەيجان ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتناشتى.

مەزكۇر فېستىۋال باش شتابى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان تۈرك خەلقلىرى ۋەخپە ئۇيۇشتۇرغان.

كۈرەش ئاتاخان: شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا كىتابلىرىنى تىزىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى

گېرمانىيىدىكى «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» 2011-يىللىق «فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى» مۇناسىۋىتى بىلەن يەرمەنكە ئالدىدا ۋە ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر مەركەزنىڭ باشلىقى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى: بۇ يىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار خۇددى مۇستەقىل دۆلەتلەردەكلا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا تۇنجى قېتىم كىتابلىرىنى تىزىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى، دېدى.

2011-يىللىق خەلقئارالىق فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر بۆلۈمىمۇ ئېچىلغان ۋە 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر نەشر بۇيۇمى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر يېمەكلىرى قويۇلغان.

كىتاب يەرمەنكىسىدىكى ئۇيغۇر كۆرگەزمە بۆلۈمى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر شۆبىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان.

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى جەيسون كېننېي كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلدى ۋە كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى جەيسون كېننېي سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق سۆيەر، ئىنسانپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتى 25 يىللىق ئىشچى ئايگۈزەلنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان

ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ 25 يىللىق ئىشچى ئايگۈزەلنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا؛ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئايگۈزەل پولات زاۋۇتىدىكى بىر سېختا 25 يىل ئىشلىگەن. سېختىكى يۇقىرى ھارارەت ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كېيىنكى يىللاردا باش قېيىش ۋە ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان.

زاۋۇت ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن چاتىقى بولمىغان ۋە داۋالىنىش ئىشىغا ئىگە بولمىغان. نەتىجىدە ئايگۈزەل مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز سۇنغان. ئۇ ھەقسىزلىققا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، زاۋۇت تەرىپىدىن نېرۋا كېسەللىكلەرگە دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇلغان.

42 يىللىق دىكتاتور كازافىي ئۆلدى

پەيشەنبە كۈنى لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى لىۋىيىنى 42 يىل سورىغان مۇئاممەر كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ بايانىغا قارىغاندا، كازافىي پەيشەنبە كۈنى سىرتەدىكى توقۇنۇش جەريانىدا يارىلىنىپ قولغا چۈشكەن ۋە سىرتەدىن بېنغازىغا توشۇلۇش يولدا جان ئۈزگەن.

كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، لىۋىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئېلى ئاجۇلى: لىۋىيىدە خورلۇق ئاياغلاشتى، لىۋىيىدە دىكتاتورىلىق تۈزۈمى ئاياغلاشتى، خەلقنىڭ چۈشى رېئاللىققا ئايلاندى، دېدى.

لىۋىيە خەلقى بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ كازافىي ھۆكۈمىتىگە قارىسى نامايىش ۋە قوراللىق ئۇرۇشلارنى داۋام قىلماقتا ئىدى.