2011.10.20

فىلىمگە «چۈمۈلىنىڭ يولى» دېگەن نامنىڭ قويۇلۇشىغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز دادىسىدىن ئاڭلىغان بىر ھېكايىسى ئاساس بولغان. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم «ئاق بوز ئات» ناملىق ئۇيغۇرچە ناخشا بىلەن باشلانغان. ئاڭلاۋاتقىنىڭلار بۇ فىلىمدە تۇنجى رولنى ئالغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ھىجرەت قىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا كۆرۈۋاتقان كۈنلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، بۇ فىلىمنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى مۇددىئا توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
فىلىمدە ميۇنخېندا ياشاۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلار، سەنئەتكارلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر زىيارەت قىلىنىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئۇسۇل سىنىپىدا تەلىم ئېلىۋاتقان كۆپلىگەن ياش قىزلارمۇ زىيارەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى ئاشكارىلانغان. بۇ خۇسۇستا ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فىلىمدە 2009-يىلى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ياۋروپادا نورۇز» سەنئەت كېچىلىكى ھەمدە 2010-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «چۈمۈلىنىڭ يولى» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.