ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك يۈرۈشى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.10.20

ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ ۋە گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر ئەركىنلىك يۈرۈشى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 تە باشلىنىدىكەن.

تىنچلىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ يۈرۈشكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە بىرمىلىقلار، ئىرانلىقلار، ۋيېتناملىقلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە تەيۋەنلىكلەر قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر ھەرىكەتنى مەركىزى ئىتالىيىدىكى «سوشېتا لىبېرا» يەنى «ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن.

بۇ تەشكىلات ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر مۇستەقىل ئورگاندۇر.

ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىگە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى سۈپىتىدە ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتنىشىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم تېخى يېقىندىلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى.