2011.10.19

ب د ت نىڭ 3-كومىتېتى يەنى ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى نيۇ يوركتىكى ب د ت بىناسىدا چاقىرىلغان يىغىنى، مەخسۇس تەن جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرۇش، مەھبۇسلارغا رەھىمسىزلىك قىلىش، ئۇلارنى پەس كۆرۈش، غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلە قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى تېما قىلغان ئىدى. يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە ئەمەلدارى، پروفېسسور جۇئان مەندەز تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەھبۇسلارنى يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاش ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكى، مەھبۇسلارنى ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز كىشىلىك كامىرىغا سولاشنى مەنئى قىلىشقا چاقىرغان.
پروفېسسور مەندەز دوكلاتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بەزى كىشىلەرنى يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاپ، قوغداش زۆرۈر بولسىمۇ، بىراق كىشى 15 كۈندىن ئارتۇق يالغۇز كىشىلىك كامىرىغا سولاپ قويۇلسا، بۇنىڭ كىشىدە تەن جازاسى بىلەن ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى، شۇڭا مەھبۇسلارنى يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاشنى تامامەن مەنئى قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مەندەزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بىر ئادەم يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاپ قويۇلسا، بۇنىڭ شۇ كىشىنىڭ نېرۋىسىغا بېرىدىغان بۇزغۇنچىلىقى بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدىكەن. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنى تەنقىدلەپ، بۇ ئەللەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى» دە يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاش تاكتىكىسىنى كەڭ كۆلەملىك قوللانغانلىقى، بىراق بۇ تاكتىكا نۇرغۇن ئەللەردە مەھبۇسلارنى جازالايدىغان بىر خىل جازالاش تەدبىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ، ب د ت 3-كومىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىدا «يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاش جازالاشنى مەقسەت قىلغان، مەھبۇسلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارشى بىر خىل قوپال تەدبىر» دەپ ئەسكەرتىپ، «ئايرىۋېتىش، يالغۇز قالدۇرۇش، بۆلۈش، قۇلۇپلاش، باستۇرۇق، يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت، زىندان … قاتارلىقلار قانداق ناملار بىلەن ئاتالغان بولمىسۇن، ئىشقىلىپ دۆلەتلەر بۇ خىل يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاش تەدبىرىنى بىر خىل جازا ياكى بېسىم سۈپىتىدە مەنئى قىلىشى كېرەك» دەيدۇ.
ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بەزى ئەللەردە قانۇنى جازاغا تارتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولۇنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەندەز بۇنىڭغا خىتاينىڭ تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتايدا چەتئەلنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ياكى ئاخباراتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن جازالىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئايالنىڭ 2 يىل يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولانغانلىقىغا دائىر قەيت بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.
پروفېسسور مەندەز دوكلاتىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلاپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئايالنىڭ كەچۈرمىشىنىڭ 1999-يىلى چەتئەلگە خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىك ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى دېگەن ئەيىبلەش بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشايدىغانلىقى، چۈنكى رابىيە خانىمنىڭمۇ 2 يىل يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولانغانلىقىدا دائىر قەيتلەرنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا پروفېسسور مەندەزنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ پىكىرلەرنى قارشى ئالدى. قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ب د ت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ مەھبۇسلارنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، مەندەزنىڭ دوكلاتىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
مەندەز ب د ت 3-كومىتېتىغا سۇنغان دوكلاتىدا يەنە، ئەگەر مەھبۇسلارنى يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاشتا ئۇلارنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىر خىل تەن جازاسىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «يالغۇز كىشىلىك كامېرغا سولاش بىر خىل جازالاش تەدبىرى ئورنىدا قوللىنىلسا، ئۇنىڭ كىشىدە پەيدا قىلىدىغان ئەقلى زىيىنى ۋە جىسمانىي ئازابىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى بىر خىل تەن جازاسى ۋە ياكى رەھىمسىزلىك قىلىش، پەس كۆرۈش ھەم غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلە سۈپىتىدىكى بىر خىل جازالاش تەدبىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ تۇتقۇن، قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى ۋە ھەر خىل قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا مەزكۇر رايون خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
مەندەز دوكلاتتا ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەھبۇسلارغا نىسبەتەن پەقەت ئالاھىدە ئەھۋاللاردا يالغۇز كىشىلىك كامېر ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى، بىراق بۇنىڭ پەقەت گۇۋاھچىلارنى ھەم باشقىلار بىلەن بىر كامېردا ياتسا ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بەزى مەھبۇسلارنى قوغداش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار بىلەن چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق، خىتاي ۋەكىلى ب د ت نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇزاكىرە يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەندەزنىڭ دوكلاتىغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.
ئۇ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئەسكەرتىپ، «كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ئىش ئېلىپ بېرىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ئىش بېجىرىشى كېرەك. ھوقۇق دائىرىسىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان خاھىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.