يېقىندا ئاۋسترالىيىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلغان.
rabiye-awstraliye-xelqara-kechurum-teshkilati-305.jpgخەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سۆز قىلدى. 2011-يىلى ئۆكتەبىر، ئاۋسترالىيە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1961-يىلى ئەنگلىيىلىك بىر ئادۋوكاتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى. دۇنيا مىقياسىدىكى 150 دۆلەتتە 3 مىليونغا يېقىن قوللىغۇچىسى بولغان بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيىدە چوڭ بىر خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىملىق يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى زىيارىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ ھەمراھ بولغان بولۇپ، بىز پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى «دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆز غۇرۇرى بىلەن ياشىغۇچە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغۇچە ۋە بىرمۇ ئادەم تەن جازاسى ھەم قىيناشقا ئۇچرىمىغۇچە كۈرەشنى داۋام قىلىش» دەپ شەرھلەيدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىنتايىن تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە ھەم تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ھەقتە مۇستەقىل ھالدا ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەزىيىتى، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نۇرغۇن قېتىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، بۇ تەشكىلاتقا يۈكسەك باھا بەرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە كۇرسمۇ ئېچىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم كۇرستا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى بويىچە نۇتۇق سۆزلىگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە كېلىشىگە سەۋەب بولغان.

رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سىدنېي شەھىرىگە بېرىپ، سىدنېيدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدىكى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، جۈمە كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.