2011.10.17

«چۈمۈلىنىڭ يولى» ناملىق بۇ فىلىمنى گېرمانىيە دورتمۇند كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى گۇيدو رامبېك ئەپەندى باش بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ فىلىمنى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىنى نىسبەتەن كەڭ ئەكس ئەتتۈرگەن تۇنجى ھۆججەتلىك فىلىم دەپ قاراش مۇمكىن. فىلىم مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، قوشۇمچە كۆرۈنۈشلۈك ئەسلىمە ياكى قىستۇرمىلاردىن پۈتۈنلەي خالى. فىلىمنىڭ ئاپتورى گۇيدو رامبېك ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر فىلىم خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

«چۈمۈلىنىڭ يولى» ناملىق بۇ فىلىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ھەم يېقىندىن ياردەم قىلىشى، نۇرغۇنلىغان فىلىم مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىكلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن دۇنياغا كەلگەن. بۇ فىلىمدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قەلب ئىزھارى ياكى پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم يەنە گېرمانىيىدىكى تۈرلۈك فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇش ئالدىدا ئىكەن.
«چۈمۈلىنىڭ يولى» ناملىق بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى ميۇنخېن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتى ھەم ئارمانلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، 42 مىنۇت ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاپتورى گۇيدو رامبېك ئەپەندى بىلەن يېقىندا يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. گۇيدو رامبېك ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق تونۇغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزدىنىش ھەم فىلىم ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئاساسى ئامىلنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ھەم 2009-يىلىدىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گۇيدو رامبېك ئەپەندى يەنە بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى فىلىمنىڭ بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش نىيىتىگە كېلىپ، د ئۇ ق باش شتابى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەزكۇر فىلىم ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان تەكلىماكان رېستورانىنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، فىلىم مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لەڭمەن قاتارلىق تاماقلىرىنىڭ ياسىلىش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئادەتلىرى كۆرسىتىلگەن. فىلىمدە ئاساسلىق رول ئالغان سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن بىرى بولغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ فىلىمنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.