خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىدلەشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەنپەئىتىگە قاتتىق زىيان كەلتۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.10.10
hotan-etles-karxanisi-305.jpgخوتەندىكى ئەتلەس كارخانىسى.
يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «تېكنورېيتى خەۋەرلەر» تورىدا كېننېس كەيلىس تەرىپىدىن يېزىلغان «ياشاش ئۈچۈن ئۆلۈش» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتور كېننېس كەيلىس ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغان كىشى. ئۇ بۇ ماقالىسىنى بۇ نۆۋەت پايتەخت ۋاشىنگتونغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنى يوقلاپ ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىملىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان:
-ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 20 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر خەلق، ئۇنىڭ تەخمىنەن 18 مىليونى نۆۋەتتە خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ياشىماقتا. تارىخى 4000 يىلدىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلار تارىختا دۆلەت قۇرغان بىر خەلق، ئەمما ئۇلارنىڭ دۆلىتى قورال كۈچى ئارقىلىق بېسىۋېلىنغان. ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 750-يىللاردا ئەڭ يۈكسەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. مىڭلارچە يىللاردىن كېيىنمۇ ئۇلار مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئۇلار ھازىر خىتاينىڭ ئېزىشى ئاستىدا ياشىماقتا.

ئاپتور كېننېس ئۇيغۇر رايونىنىڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كان بايلىقلىرىغا ئىگە رايونلۇقى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۆزى بۇ رايوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە رايونلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېگەن ۋە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-خىتاينىڭ نۇرغۇن غەربلىكلەر قارىغۇلارچە كۆككە كۆتۈرىدىغان ئىقتىسادى كۈچى-ئۇ قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ كونترول قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا تايىنىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئۇلارنىڭ ئەقىللىق، زېرەكلىكى ئەمەس، بەلكى قىيناش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۈرمىگە سولاش بەدىلىگە كەلگەن. بۇ رېجىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى، ئانا تىلىنى ۋە ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ۋە بالا ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىنچلىق پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ياخشى دوستلۇقىدىن سۆز ئاچقان. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەر بىلەن ئوخشاش ۋەزىيەتتە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ داۋاسىنىڭ كۆپ بىلىنمەيدىغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاپتور بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەينى ۋاقىتتا 350 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلكى بىلەن فوربېس ژۇرنىلى تەرىپىدىن خىتايدىكى ئەڭ باي ئايال دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن 6 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان رابىيە قادىر خانىم ھېلىھەم تولۇق ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ئۆز پائالىيىتىگە داۋام قىلماقتا» دېگەن.

ئاپتور كېننېس ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر مۇشۇنداق ئېزىلسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ سىياسەتچىلەرنى جىمىقتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېگەن:
-ئىقتىسادىي كرىزىس ئامېرىكىلىقلارنى چارچىتىپ قويدى. ئامېرىكا ئىلگىرى خىتايغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى يۆلىگەن، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا ئامېرىكىنى قەرزدار قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. نۇرغۇن پۇلغا يەنى ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان دەرىجىدىكى نۇرغۇن پۇلغا قەرزدار قىلدى. ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر ھازىر خىتاينى ئادالەتكە، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇۋالدى. ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى 10 يىللىق ئۇرۇشى نۇرغۇن فرونتلاردا ئېلىپ بېرىلدى. ئەمما بىز بەزى چاغلاردا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دۈشمەن بولۇپ قالدۇق. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، ئىقتىساد ناچارلاشقانسېرى رادىكالىزم يېيىلىدۇ. ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇقىنى ھەر يەرگە چېچىپ، بالىلارچە تار كۆز قارىشىنى باشقىلارغا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. مانا بۇ خىل ئەھۋال ھازىر ئامېرىكىدا يۈز بەرمەكتە، يەنى ئامېرىكىدا ئوڭ قانات ھەرىكىتى يۈكسەلمەكتە. ئەگەر بىز باشقىلارنىمۇ ئويلايدىغان ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىپ قويىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا ئۆز-ئۆزىمىزگە دۈشمەن بولغان بولىمىز.

كېننىس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئوقۇرمەنلەرگە خىتاب قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم بۇ ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ زىيان تارتىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كىشىلەرنى ئاڭلىق بولۇشقا ئۈندىگەن ۋە ماقالىسىنى: بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغاندا، گۇناھسىز ئىنسانلار بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر سىز ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، سۇدانلىقلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا زۇلۇم چېكىۋاتقانلارغا بىر ياردەم قىلالمىسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا ئاڭلىق بولۇپ، دۇنيادا مۇشۇنداق بىر زۇلۇمنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بۇنىڭغا بىر چارە قىلالمايۋاتقانلىقىدىن بولسىمۇ خەۋەردار بولۇڭ، دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.