2011.10.07
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىگە كېلىۋاتقان سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانىنى چەكلەش ئۈچۈن، سىياسىي پاناھلىق مەقسىتىدە ئاۋسترالىيىگە كەلگەن ۋە كېلىش سەپىرىدە تۇتۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى مالايشىياغا يۆتكەش ۋە ئۇ جايدا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ب د ت تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيىگە كۆچۈرۈپ ئەكېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
مالايشىياغا 300 مىليون دوللار ئىقتىسادى كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان بۇ تۈزۈم بۇ يىل 5-ئايدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. ئاۋسترالىيىدىكى ئابچ رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە خانىم ئاۋسترالىيىنى ئاگاھلاندۇرغاندا، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 11 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋەتكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى.
رابىيە خانىم خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئۈن-تىنسىز غايىب بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالايشىيانىڭ مانا مۇشۇنداق جىددىي بىر مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بويۇن ئېگىپ، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قايتىدىن سەمىگە سالدى.