2011.10.07
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى. نامايىشلار 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كانادا، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
قارشىلىق نامايىشى يەنە، 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى شتاتلار ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
نامايىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىغا 62 يىل تولغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر بېسىم ۋە دەپسەندە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن 6-،7-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيىنىڭ برىزبېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى يىغىندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلەرگە رەھمەت ئېيتقان. رابىيە قادىر خانىم يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق زەربە نىشانى ئۇيغۇرلار بولماقتا
ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 2010-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان 670 كىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇ يىل بىرىنچى ئايدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوتنىڭ باشلىقى 2010-يىلى ئىچىدە 376 كىشىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» بۇنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر مۇشۇنداق بولغان تەقدىردە، پۈتۈن خىتاي بويىچە مەزكۇر جىنايەت بىلەن سوتقا تارتىلغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جىنايەتنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازالاش ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى.
پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» تۈزۈمى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى
خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا ئەسلىدىكى «ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكا تۈزۈمى» بىكار قىلىنىپ، «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا تۈزۈمى» يولغا قويۇلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، تۈزۈمدە ئۇيغۇر رايونىغا باشقا جايلاردىن كەلگەن ھەر قانداق بىر ئاقما نوپۇسنىڭ 3 كۈن ئىچىدە «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» بېجىرىپ بولۇشى، بۇ كىنىشكا بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئولتۇراقلىشالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ كىنىشكىغا ئېرىشكەنلەر يەرلىكلەرگە ئوخشاش ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
دائىرىلەر 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەخسۇس كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىققان ئىدى.
ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە يەنىلا كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا
ساياھەت، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل ھالدا تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلار مېھمانخانىلاردا يېتىش، ھەتتا تاكسىدا ئولتۇرۇشتىمۇ تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرايدىكەن.
يېقىندا بېيجىڭدىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن بىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭغا بارغان مەزگىلدە، ياتاق ئالالمىغانلىقىنى، كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، ياتاققا ئاران ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر نەپەر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسىمۇ، خىتاي شەھەرلىرىگە يىغىن ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن بارغاندا دائىم بۇ خىل ئەھۋاللارغا يولۇقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىبراھىم قارىم: بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسى پاكلانماي تۇرۇپ؛ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس
تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەشكىللىگەن دىنىي سۆھبەت يىغىلىشى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىغىلىش سۆھبەت ئەھلىنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئىناق بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. دىنىي سۆھبەت ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ دىنىي سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان، دىنىي زات ئىبراھىم قارىم مۇنداق دېدى: يېرىم ئەسىردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن، دىندىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدۇق.
ئىسلام دىنىنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئوينىغان رولى ئىنتايىن زور.
ئىبراھىم قارىم يەنە، بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسى پاكلانماي تۇرۇپ؛ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.