ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىنىڭ برىزبېن شەھىرىدە 6-،7-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.10.04

بۈگۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيىگە سەپەرگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋاشىنگتون ئايرودرومىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ھەم يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆزلەيدىغان نۇتقى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىغانلىقى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.